- تىزىملاتقان
- 2014-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 355
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
ئۆسۈش
  27.5%
|
ziya يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:55 
بۇ تېما ئالدىنقى يىلى يېزىلغان تېما بولۇپ،بىز تۈنۈگۈن ...
ئاتالمىش«29-تېئورىما» مۇنازىرىگە تولا سەۋەپ بولدى، ئەركىن سىدىق ئاكىمىزمۇ مۇناسىپ ئۇسۇل ۋە مېتود بىلەن كۆپ قېتىم تەمىنلىدى.مەنچە نۇقسانلار تۆۋەندىكىدەك:
1- ھەركىمنىڭ بىرەرھادىسە ياكى ماھايەتكە نىسبەتەن پەرەز قىلىش ئىختىيارى بولىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن بۇ ئەپەندى پەرەزنى ئاساسسىزلا «تېئورىما» دەۋالغان، يەنە كېلىپ 1-دىن 28- گىچە پەرەزلىرى ئىسپاتلىنىپ «تېئورىما» دەپ ئېتىراپ قىلىنسا ئاندىن قايسى بىر 29-غا نوۋەت كېلەتتى، ئۇسلۇبىدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى 29دىن ئىبارەت تۈپ ساننى ئاتالمىش پەرەزگە تەرتىپ نومۇرى قىلغان.
2- تەكشى ئۇستەل يۈزىدە نۇرنى ئولچەملىك پىرقىراتقاندا ، نۇر ئۇستەل يۇزىگە نىبەتەن تېنچ پىقىرايدۇ، ھېچقانداق تەرەپكە ئېغىپ ھەركەت قىلمايدۇ،( تورۇسقا ئېسىپ قويۇلغان ئايلانغۇچى جىسىممۇ شۇنداق ھالەتتە)ئەمەلىيەتە يەر يۇزى ئوز ئوقى ۋە قۇياشنى ئايلىنىش سەۋەپلىك سېكونتىغا نەچچە ئون كىلومېتىر ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا 29- پەرەزنىڭ خاتالىقىغا ئىسپات بولالايدۇ.
3-ماكرو دۇنيادىكى ھەركەت شەكلى بىلەن مىكرو دۇنيا دىكى ھەركەر شەكلى مۇئەييەن پەرىققە ئىگە، بىرەر شارنىڭ ئاددىي تەجىربىسىنى بىر ئۆرۇلۇپلا مىكرو دۇنيانىڭ ھەركەر شەكلىگە تەققاسلاشقا بولمايدۇ. ماكرو دۇنيدنىڭ ھەركىتى ئوبىكتىپ بولىدۇ، ئۇ مىكرو زەرىچىلەرنىڭ ھەركىتىنىڭ سىتاستىكىلق ئومۇملىقىدىن ئىبارەت،ھەم تەپەككۇر ئادىتىمىزگە يېقىن، بىراق مىكرو زەرىچىلەرنىڭ ھەركىتى كوپىنچە كۋانتلاشقانلىقتىن ئاددىلا ئويلىۋېىلىشقا بولمايدۇ.
قاسىم ئەپەندىنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ،جاھىللىق قىلماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىمەن! |
|