- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51317
- نادىر
- 0
- يازما
- 5380
ئۆسۈش
  0%
|
ئەگەر بىر ئادەم aتىزلىنىش بىلەن ھەركەت قىلىدىغان بىر تەجىربىخانىنىڭ(راكىتادىكى) پولىدا تۇرغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئىككى قولىدا بىرى يېنىك،بىرى ئېغىر ئىككى شار بولغان بولسا،پۈتۈن سېستىما تىزلەنگەنلىگى تۈپەيلىدىن بۇ كىشىنىڭ ئىككى پۇتى پولنى قاتتىق باسىدۇ.ئەمدى ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا بۇ ئىككى شارنى قويۇپ بەرسە قانداق ئەھۋال يۆز بېرىدۇ؟ بۇ ئىككى شار راكىتىنىڭ گەۋدىسى بىلەن ئۇز ئارا باغلانمىغانلىقتىن،ئۇلار قولدىن ئايرىلغان پەيىتتىكى تىزلىك بىلەن داۋاملىق ھەركەت قىلىدۇ.شۇڭا ئۇلار بىر -بىرىگە نىسبەتەن تىزىلغان ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قىلىشىدۇ.ئەمما،راكىتىنىڭ ھەركىتى تىزلىنىشچان بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ تېزلىكلىرى داۋاملىق ئاشىدۇ.خانىنىڭ پولى ناھايتى تىزلا ئىككى شارغا يېتىشىۋالىدۇ ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا ئۇلارغا سوقۇلۇدۇ.مۇشۇ سوقۇلۇش بىلەن ئىككى شار باشتىن -ئاياق پولغا بېسىم بېرىپ،پۆتۈن سېستىما بىلەن بىرلىكتە تېزلىنىدۇ.ئەمما خانە ئىچىدىكى كۆزەتكۈچىنىڭ قارىشىچە بۇ ئىككى شار ئۇنىڭ قولىدىن بوشىغاندىن كىيىن،ئوخشاش تېزلىنىش بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.شۇڭا ئۇلار ئوخشاش ۋاقىتتا بېرىپ پولغا ئۇرۇلىدۇ.مانا بۇ تېزلىنىش بىلەن تارتىش كۈچىنىڭ تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپى.
___ گېئورگى گاموف _"فىزىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى"،338-بەت.
|
|