- تىزىملاتقان
- 2013-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3321
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
  44.03%
|
yamgur. يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 16:16 
ئەلۋەتتە، رەھمەت سىزگە.....ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ....
ئوشاق مۇقامى
سانايۇ ھەمدە بىھەت ئول خۇدايا خالىقۇل ئالەم،ياراتىپ ئالەمۇ تۇفراقىدىن ھەم خەلقىتىپ ئادەم.
ياراتىپ يەرۇ –ئاسماننى سەن ئۇنىڭ سۇنئىن تاماشا قىل،
ياراتىپ لەۋھىنى كۇرسى قەلەمنى ئەرشىنى ئەزەم.
ياراتىپ قۇدرەتىڭدىن ئەمبىياۋۇ- ئەۋلىيالەرنى،
دېدى دوستۇم ئۇلارنى ئەيلىبان ئۆز سىرلىرىغا مەھرەم.
ياراتىپ ئۇشبۇ ئالەمنى ئۆزىگە جىلۋىگەر ئەتتى،
ئەزىز ئەيلەپ مۇھەممەدنى قىلىپ پەيغەمبەرى خاتەم،
خۇدايا شۇكرىكىم بىزنى مۇھەممەد ئۈممىتى قىلدى.
مۇھەممەتنى قىلىبان بارچە پەيغەمبەرلىرى ئەزەم.
خۇدانىڭ دوستىنى ھەم دوست تۇتۇڭلار ئەي مۇسۇلمانلار.
شاپائەت ئەيلىگەي مەھشەر كۈنى ھەم پىرىڭ بولۇپ ھەمدەم،
ئىلاھا مەغفىرەت قىلغىن رەھمىتىپ قىلغان گۈناھىمنى،
كىلىپتۇ دەرگاھىڭگەبۇ ھۈۋەيدا بارچىدىن كەم –كەم.
تەرەھھۇم ئەتمىدى ئول گۈل مېنى شىكەستىگە زىنھار.
ۋىسالىڭ بادەسىدىن ئەل چەكتى مەن غېمىگە سازاۋەر،
سۇجۇدى كەبىئىي دەۋىر ئەيلىسەم ياھۇ تاڭ ئەرمەسكىم.
قولۇمدا ساغىرى سەربان دىلىمدە رىشتەئىي زۇننار،
جۇنۇن يولىگىچە چۈشتۈم يەتمىدى مەڭا مەجنۇن.
نى مۇلكى – مالىنى دېدىم كې ياھۇ يارىنى ئەغيار.
ۋاي سەبۇرى يا قەدەھ ئىچ بول بولما پاي مالى مالامات،
نەپەس غەنىمەتى ئايا زامانە تاڭلا نە ئوينار.
يار ئىشىكىنى ئاچمىدى كاكۇلىنى قارا قىلۇر،
قاشلىرىنى قىلىچ ئېتىپ زۇلفىنى ئەجداھا قىلۇر،
ئول ساڭا بۇ سىياقىنى ئەيلىمەس ئەقلىڭ نادان،
بۇ ئەجەل ئۆلتۇرەلمىگەي ھەر نە قىلۇر خۇدا قىلۇر.
ئەھلى دىيارىدىن كېچىپ ئىشىقنىڭ يولىغا يۈز قويۇپ،
ئەۋۋەلى گەدا قىلىپ ئاخىرى پادىشاھ قىلۇر
نەفسى ئىشىگە تويمىدى يەتتى بۇ كۆڭۈل سىرىنى ۋەج،
بەرگى دەرەختىن ئۆمرىنى بىر –بىرىدىن جۇدا قىلۇر.
ئەيلىمەس مۇخلىس تەجەللىي ئۇشبۇ دۇئانى مۇستەجىپ،
تەلۋە زەلىلىي يالۋىرىپ ھاجىتىنى ئىلتىجا قىلۇر.
دوست ئىگەم ئاللا بى بى ئاللا ۋايەي رەھمان كەرەم بار.
مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ بېرەي .
|
|