- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1919
- نادىر
- 0
- يازما
- 125
ئۆسۈش
91.9%
|
tadlax يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 23:36
دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسى كىرەلىگەن نەرسە دىگەن بوش نە ...
بارىكاللا، ياجشى ئىنكاس...
ئىلگىرى ھەتتا مۇقام ئارقىلىق روھى كېسەللەرنى داۋالىغان، دۇنيا مىدىتسىنا ئىلمىغا تۆھپە قوشقان ئىكەن، بۇ بەزى قېرىنداشلار مۇقام دىسىلا ھازىرقى قاملاشمىغان ئۆزگەرتىلگەن ناي نىناي، لاي لىلايلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىۋالىدىكەن، بىز خەن مائارىپىنى ، چەتئەل مائارىپىنى ئۆگەنمەستىلا ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل ، پۇختا، مۈكەممەل مائارىپىمىز بولۇپ شاھ مەشرەپ ، نەۋائى......لۇتفى.....غەزەللىرى دەرىس قىلىپ ئۆتىلەتتىكەن، مەدرەسە مائارىپىنىڭ سېستىمىلىق دەرىسلىرى ھازىرقى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەردىمۇ يوق ھازىر. بىئولوگىيە، جۇغراپىيە.....ئىلىملىرى شېئېرىيەت، قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەر ئۆتۈلگەندىن سىرت چالغۇ ئەسۋابلارمۇ مۇھىم دەرىسلەر قاتارىدا ئۆتۈلەتتىكەن، ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى چالغۇ ئەسۋابىنى چېلىشنى بىلەتتىكەن، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھنى زىكرى قىلغانىكەن، نۇرغۇن رىۋايەتلەر شۇ ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئەينى زاماندا ئۇلار ئېيتقاننى بىز ئېيتالىدۇقمۇ؟ ئۇلار چالغاننى بىز چالالىدۇقمۇ؟ ئۇلار قىلغاننى بىز قىلالىدۇقمۇ؟ شۇنچە گۈزەل ياشاپ ، شۇنچە غورورلۇق ياشاپ ، بىزگە ئېسىل مەدەنىيەتلەرنى تاشلاپ كېتىۋىدى، چاچلىرىمىزنى ئېچىپ ،ئىپپەت ھايالىق ئانىلىرىمىزدىن قالغان ئەتلەسلەرنى خالىغانچە تارايتىپ، خالىغانچە قىسقارتىپ ، چاچ ئۈستىدىكى روماللىرىمىزنى نەلەرگىدۇر چۆرىۋېتىپ، «مانا بۇ بىزنىڭ ئاتا- بوۋىللىرىمىزدىن قالغان مەدەنىيەت» دىدۇق. ھايالىق ئۇيغۇر ئانىلىرىغا تۆھمەت قىلدۇق، كېلىشكەن بەستلىك ، ساقاللىق ئۇيغۇر ئاتا- بوۋىللىرىمىزغا ئەركەكلەر يۈز كېلەلىدىمۇ؟ نىمە قىلدى قىلالىدى قىلىۋاتىدۇ؟ مەدەنىيەتنى سۆكۈڭ،دىسە تازا سۆكىمىز، ھەتتا شۇ گۈزەل زىكرىلىرىمىزگە ئىگە بولالماي ھالا بۈگۈنگە كېلىپ تېكىستلىرىدىن تارتىپ ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەندە ئۇنى تونۇيالماي قېلىپ بىر تېپىك بىلەنلا بۇ ئېسىل مىراسلاردىن يۈز ئۆرۈسەك بولامدۇ؟ داداڭلاردىن نومۇس قىلامسىلەر؟ ئاتا- بوۋىمىزدىن پەخرلەنمەمدۇق؟ شۇنداقلىقىمىزدىن يەنە يۈرىۋاتىمىز، خەق بولسا، مەھمۇد قەشقىرى(كاشغەرى)بىزنىڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزنىڭ دەپ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ بىزنى پارقىرىتىپ قويۇپ مەسخىرە قىلىۋاتسا قاراپ تۇردۇق، تام تۆشۈكىدىن چۈشكەن خەق ئەمەس بىز ھەي.... تېگىمىز چىڭ، تېگى تەكتىمىزدىن ئېسىل قان ئېسىل پۇشت ئىدىۇق 7000يىللىق تارىخنىڭ ئىگىسى ئىدۇق، مانا ئەمدى ھەتتا مۇشۇنداقلىقىمىزدىن ئىشتان كۆينەكلىرىمىزگىمۇ ئىگە بولالمايۋېتىپتىمىز، نە نومۇس بۇ بىز ئۈچۈن؟
مۇقام دىگەن نىمە؟ مۇقامنى سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ مۇقام دىسىلا كۆز ئالدىڭىزغا تېلىۋزوردىكى تار ئەتلەس بىلەن ھۆرمەتلىك ئانىلىرىمىزغا خائىنلىق قىلغان سەنئەتچى خېنىملار كېلىۋاتامدۇ؟ ئۇ ئەسلى نىمە ئىدى؟
ئىسىت، ئالدىمىزدىكى نانغىمۇ ئىگە بولالماي دىۋانە بولۇپ چىقىپ قالغاندا ساپايىنى چېلىپ ئاندىن رەببىمىزگە يىغلاپ مۇقامنى توۋلاپ ياتىدىغان كۈنلەر كېلىشتىن بۇرۇن ھوشىمىزنى يىغىۋالايلى.......
مۇقامنى ئىنكار قىلىشتىن بۇرۇن ئەسلى مۇقامغا بولغان چۈشەنچىڭىز بولسۇن، ھېچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ سەكىرمەڭ، سەكرەش بىلەن بەرىبىر مەسىلە ھەل بولمايدۇ.................. |
|