- تىزىملاتقان
- 2011-4-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5281
- نادىر
- 2
- يازما
- 236
ئۆسۈش
  5.62%
|
ئىلىم چېيىغا بىر قانچە تەكلىپ :
1.نوقۇل ھەرساندا كىتاپ توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىشتىن ھەل قىلىپ ئىجدىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ قاتناشقۇچىلار پىكىر بايان قىلغاندىىن كېيىن شۇ توغرىسىدا مەخسوس ئوبزور يېزىلغان بولسا ، ھەمدە كېڭەيتكەن ئاساستا مەلۇم مەسىلىلەر ئۈستىدە سىتاستىكا ئىشلىنىپ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق مەلۇم ھادىسىگە باھا پىكىر بېرىلسە ،
ئۆتكەنكى مەدەنىيەت بوستانى پىروگراممىسدا زۇلپىقار ئەپەندىم بىلەن ۋاقىت توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاندا لۇتۇننىڭ دېرىكتورى بىر قانچە توي تۆكۈنلەردە مېھمانلارنىڭ تويغا كېلىش ۋاقتىنى سىتاستىكا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئېيتتى ، يوقىرىقىغا ئوخشاش سىتاستىكا ئېلىپ بېرىلىپ بۇنىڭ سەۋەبى ۋە بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈگۈتىشنىڭ چارە -تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ ئىجرا قىلىنسا ئىشىنمىزكى ئىلىم چېيى ئىلىم توغرىسىدا سۆھبەتلا ئېلىپ بېرىلدىغان چاي بولماستىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە تۈزەش خاراكتىرلىك چوڭ رولنى ئۆتەلەيدۇ . بۇ ھەم جەمئىيەتشۇناسلىق بىلىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارايمەن .
كېسەلگە دىئاگنوز قويۇپ داۋالىيالمىغان دوختۇر دوختۇر بولالمايدۇ ،شۇڭلاشقا زۇلپىقار ئەپەندىم بۇ تەرەپكە تەدرىجى كۈچەپ جەمئىيەتشۇناسلىق رولىنى ئالاھىدە جارى قىلدۇرغان بولسا دىگەن ئۈمىدلەردىبىز . |
|