- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4034
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
ئۆسۈش
  67.8%
|
باغداش تورىدىكى دوستلارغا كەمىنە ماسلاشتۇرغۇچىدىن ئالىي ئېھتىرام، سەمىمىي سالام. بەلكىم سىز بۇ سان ئىلىم چېيىمىزنى كۆرۈۋاتقان دەملەردە قانداقتۇر كاللىڭىزدا بۇلار بىرلىكتە «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابنى مۇھاكىمە قىلىپ، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنى ماختاپ ئۇچرىۋاتامدۇ نېمە؟ دېگەن پىكىر تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما سىزگە دېسەم، بىز بۇ سان ئىلىم چېيىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇنلا چايداشلارغا سورۇندا ئاپتۇرنى ماختىماسلىقنى، بىراق كىتاب ۋە ئاپتور ھەققىدە ئۆزلىرىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن نۇقتىلار بولسا، پەردازلىماي ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇڭا سورۇندىكىلەرنىڭ سۆزلىرى قانداقتۇر بىز ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويغان ياكى يىگىت بېشى ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويغان گەپلەر ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ چىن ھېسياتى.
بىز فىلىم كىرىشتۈرۈش جەريانىدا ئاپتورنى ماختاپ ئۇچۇرغان سۆزلەرنى ئاساسەن كېسىۋەتتۇق، ئەمما يىگىت بېشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەقىقەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىڭسى بولغاچقان، باشقىلار كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈردى. سىلەر بۇنى قانداقتۇر ماختاش دەپ چۈشىنىۋالماي، يىگىت بېشىدىن ئۆگەنگىدەك تەرەپلەرنى كەمتەرلىك ۋە كەڭ - قورساقلىق بىلەن ئۆگەنسەڭلار.
شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى : «ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر - بىرىنى پالۋان دەر، چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر - بىرىنى گالۋاڭ دەر»
سىلەرنىڭ ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بولغۇڭلار بارمۇ ياكى چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بولغۇڭلارمۇ؟
|
|