- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3174
- نادىر
- 0
- يازما
- 222
ئۆسۈش
  39.13%
|
تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ شوئارى، مەن ئەڭ ياقتۇرغان، ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر شوئار؛ ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق: يا سۆي، يا تاشلا! دېيىلمەكچى بولغىنى : كەمچىلىكسىز مىللەت بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ، ھەتتا باشقا مىللەتلەرمۇ سۆيىدۇ؛ بۇ مىللەتنىڭ كەمچىلىگىنى پەقەت مىللەتنىڭ مىللەتچىلىرىلا سۆيەلەيدۇ ياكى ئەپۇ قىلالايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ مانا مۇشۇنداق كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىللەتپەرۋەرلەرگە ئېھتىياجى بار. بۇ شوئار، مىللەتپەرۋەرلىك تونىنى كىيىۋېلىپ ئەتىگەندىن -كەچكىچە مىللىتىدىن زارلىنىدىغان يىغلاڭغۇلارغا، دۈشمىنىنىڭ يېغىرىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي قۇسۇرنى مىللىتىدىن ئىزدەيدىغان قاخشاڭغۇلارغا؛ ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى مىللىتىگە دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغان چىدىماسلارغا، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى سۆكۈپ-سۆرەۋاتقاندا قىلچە ئازابلىنىش تۇيغۇسى يوق، ئەكسىنچە مازاق قىلىپ يايرايدىغان نائەھلىلەرگە " سەپتىن چېكىن" باياناتى!
بۇ شوئار يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق : سەن ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بىر دەرت-بىر ئەلەم بولسا، دەرت تارتقان سېنىڭ خەلقىڭ، دەرت سالغۇچى باشقىلار بولسا، ئوتتۇرا مەيداندا تۇرما، ئوتتۇرا يولدا ماڭما؛ ئەسەبىي بولساڭ بول، ئەمما لىڭتاسما بولما دېگەندىن ئىبارەت ئەركەكلىك باياناتى. .. |
|