- تىزىملاتقان
- 2013-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1316
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
  31.6%
|
مىللەتپەرۋەرلىك تونىنى كىيىۋېلىپ ئەتىگەندىن -كەچكىچە مىللىتىدىن زارلىنىدىغان يىغلاڭغۇلارغا، دۈشمىنىنىڭ يېغىرىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي قۇسۇرنى مىللىتىدىن ئىزدەيدىغان قاخشاڭغۇلارغا؛ ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى مىللىتىگە دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغان چىدىماسلارغا، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى سۆكۈپ-سۆرەۋاتقاندا قىلچە ئازابلىنىش تۇيغۇسى يوق، ئەكسىنچە مازاق قىلىپ يايرايدىغان نائەھلىلەرگە " سەپتىن چېكىن" باياناتى!
بۇ شوئار يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق : سەن ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بىر دەرت-بىر ئەلەم بولسا، دەرت تارتقان سېنىڭ خەلقىڭ، دەرت سالغۇچى باشقىلار بولسا، ئوتتۇرا مەيداندا تۇرما، ئوتتۇرا يولدا ماڭما؛ ئەسەبىي بولساڭ بول، ئەمما لىڭتاسما بولما دېگەندىن ئىبارەت ئەركەكلىك باياناتى. |
|