قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1762|ئىنكاس: 22

تارىختىكى بارچۇق ۋە مارالبېشى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

461

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   80.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27875
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 11:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تارىختىكى بارچۇق ۋە مارالبېشى  توغرىسىدا

(ئابدۇغېنى مامۇت)

يېقىنقى يىللاردىن بويان تارىخ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئۈزلىكسىز يۈكسىلىشى نەتىجىسىدە ، خەلقىمىز ۋە يۇرتىمىز تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان ئېچىلمىغان سىرلار ئېچىلىپ ، بىرمۇنچىلىغان خاتا قاراشلار ،  ئېنىقسىز بولغان ئۇقۇملار ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بەزىبىر خاتا چۈشەنچىلەر ھېلىھەم تۈزىتىلمەي كەلمەكتە . ئەنە شۇلارنىڭ بىرى«بارچۇق ــــ مارالبېشى » ياكى« مارالبېشى ــــ بارچۇق »دېگەن قاراشتۇر  . ئەمەلىيەتتە ، تارىخ ئىلمىي نوختىنەزىرىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس . يەنى ،  قەدىمىي شەھەر بارچۇق ھەرگىزمۇ ھازىرقى مارالبېشىنىڭ ئۆزى ئەمەس ، تارىختىن بۇيان بۇ ئىككى ئىسىم ئايرىم-ئايرىم تۆت جاينىڭ نامى بولۇپ ، ھەتتا خېلى ئۇزاق مەزگىل تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن .            
تارىختىكى جۇغراپىيىۋى جاي نامى « بارچۇق» ئەڭ بۇرۇن، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان بۈيۈك ئالىم ــــ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانىي » ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا : «بارچۇق _ ئافراسىياپ قۇرغان بىر شەھەر . ئۇنىڭغا بوختو ناسسارنىڭ ئوغلى بەتزەن قامالغان»(1) دېيىلگەن . مەھمۇد كاشغەرى تىلغا ئالغان بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيىۋىي ئورنىنى ئىزلەپ «جۇڭگونىڭ تارىخى خەرىتىلەر توپلىمى » غا قارىغاندا،شىمالىي سوڭ سۇلالىسى(960-1127)ۋە لىياۋ  سۇلالىسى(907-1125) ( ئاساسەن مەھمۇد كاشغەرى ياشىغان  كاشغەر ئۇيغۇر خاقانلىقى بىلەن بىر دەۋردە دەۋران سۈرگەن سۇلالىلەر) خەرىتىلىرىدە «بارچۇق » شەھىرىنىڭ بەلگىسى تۇنجى بولۇپ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتىكى « شىجۇ ، ئۇيغۇر ،  ئۇدۇن ،  قاراخانىيلار خەرىتىسى » دە كۆرسىتىلىشىچە ، بارچۇق شەھىرى ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە،يەنى ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرىدىن  تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ، ھازىر  « توققۇز ساراي » دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ  . جەنۇبىي سوڭ ، جىن سۇلالىلىرى ۋاقتىدىكى « غەرىبىي لىياۋ سۇلالىسى خەرىتىسى » دىمۇ يەنىلا موشۇ ئورۇنغا جايلاشقان (2). ئۇنىڭدىن باشقا ، «توققۇز ساراي » قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىن ، بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بارچۇق شەھىرى ئىكەنلىلگىنى ئىسپاتلايدىغان بەزىبىر ئارخئولوگىيىلىك بويۇملارمۇ بايقالغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بىرى - ئاپتونوم رايونلۇق ئارخئولوگىيە ئەترىتى بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تاپقان بىر پارچە ئەرەب يېزىقىدىكى ھۆججەتتۇر ، ئۇنىڭدا :« ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر مەسچىتى ۋە ئىككى ئۆستىڭى بار ئىكەن ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ بىر ئۈزۈملۈك بېغى بار  ئىكەن . ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ئۈزۈملۈك باغنى سېتىۋالماقچى بوپتۇ ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۈزۈملۈك بېغىنى قارشى تەرەپنىڭ بىر ئۆستىڭى بىلەن تىگىشىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . ئىككى تەرەپ  مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق تىگىشىشكە قوشۇلۇپتۇ. مەسلىھەتلىشىشكە قاتناشقانلار ئىچىدە بارچۇقلۇق ، زەرەپشانلىق ، باراقلىق ۋە يېڭىزەيلىكلەر بار» دەپ يېزىلغان . ھەمدە بۇ ھۆججەتنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھىجىرىيە 503 - يىلى  ( مىلادى 1109- 1110 - يىلى ) دەپ خاتىرىلەنگەن (3).
يۇقىرىقى بۇ بىر قاتار دەلىللەردىن قارىغاندا ،  ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە  بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە  تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ، ھازىر " توققۇز ساراي " دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ   " تۈركىي تىللار دىۋانىي " ۋە باشقا قەدىمكىي تارىخىي ماتىرىياللاردا خاتىرىلەنگەن دەسلەپكى بارچۇق شەھىرى بىنا بولغان ئورۇننىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ .
ھازىر «توققۇز ساراي» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ قەدىمكى «بارچۇق شەھىرى»نىڭ، قاچان بەرپا بولغانلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرى:«بارچۇق ـــ ئافراسىياپ قۇرغان بىر شەھەر»دەپ مەلۇمات بېرىدۇ . تۇركىي ۋە پارىس خەلقلىرىنىڭ ھەرخىل تارىخىي رىۋايەت-داستانلىرىدا باش قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئافراسىياپ ھەققىدە ،تارىخچى ئالىملىرىمىز تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ،ئۇنى ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرى ئۆتكەن تارىخىي شەخىس دەپ يەكۈنلەيدۇ(4).ئەگەر بۇ نوقتىنى ئاساس قىلىدىغان بولساق ، قەدىمكى «بارچۇق شەھىرى»بۇندىن 2300 يىللار ئىلگىرى بەرپا قىلىنغان بولىدۇ .فىرانسىيىلىك مەشھۇر شەرقشۇناس پېللىئوت (1878-1945) باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى، 1906-يىلى ھازىر «توققۇز ساراي»دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جايغا كېلىپ ، ئارخىئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مىلادى 3-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىگە تەئەللۇق بىر ئىبادەتخانا خارابىسىنى تاپقان(5)بولۇپ ،بۇنىڭغا قارىغاندىمۇ بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە بەرپاقىلىنغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.ھەمدە،بۇشەھەرخارابىسىدىن شىمالىي سۇلالە(386-581)دەۋرىگە ئائىت ھەرخىل يارماقلار ،توز قۇيرىقى سۈرەتلىك كىمخاپ،مىس چىراق(6)تىن تارتىپ،تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق پاختا،چىگىت قاتارلىقلار ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىغا تەئەللۇق ئاچ سېرىق رەڭلىك نەپىس ئىشلەنگەن قەدەھ(7)، ئەرەبچە ھۆججەت، قاتارلىق، ئاسارە-ئەتىقىلەر(فىرانسىيىلىك پېللىئوت بۇ جايدىن 10ساندۇق ئاسارە-ئەتىقە ئوغۇرلاپ كەتكەن،ئەنگىلىيىلىك ئاۋرىل سىتەيىن ،ياپۇنىيىلىك داگۇاڭ گۇاڭرۇي قاتارلىقلارمۇ نۇرغۇن بويۇملارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ،ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق موزىيدىلا مۇشۇ جايدىن قېزىۋېلىنغان 4000دىن ئارتۇق ئاسارە-ئەتىقە ساقلانماقتا) نىڭ كۆپلەپ تېپىلىشىدىن قارىغاندىمۇ،بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ قەدىمكى خەلقئارا سودا-دىپلوماتىيە يولى ــــ «يىپەك يولى»لىنىيىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان،ئۆز دەۋرىدە ناھايىتى گۈللەنگەن، ئاۋات شەھەرئىكەنلىكىنى، ھەتتا بەزىدە كاشغەر،بۇخارا، سەمەرقەنىت قاتارىدا سانىلىدىغان چوڭ شەھەرلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق موزىينىڭ سابىق باشلىقى لى يۈجۈ نىڭ«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئارخىئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى»دېگەن ماقالىسىدا:«مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ‹ توققۇز ساراي›قەدىمى شەھەر خارابىسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە قېزىلىشى نەتىجىسىدە،بۇ يەر يوقۇرىسى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى ۋاقتىدىن تارتىپ ،ئاخىرىسى شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ،يەنى 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى »دەپ يېزىلغان(8). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،تارىختا 1000يىل ئەتراپىدا دەۋران سۈرگەن ،ئۆز ۋاقتىدا خېلى ئۇزاق مەزگىل ئىنتايىن گۈللەنگەن، ئاۋاتلاشقان، ھازىر «توققۇز ساراي» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ قەدىمكى «بارچۇق شەھىرى»، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ ،بۇ خاقانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە،يەنى   12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىۋارەن ھەرخىل تەبىئى ئاپەتلەر ۋە ئىجتىمائى ۋەيرانچىلىقلار تۈپەيلى ئاستا-ئاستا خارابىلىشىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن .
ئۇنىڭدىن كېيىن،«بارچۇق»دېگەن جاي نامىنى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان تارىخشۇناس ــــ شاھ مەھمۇت جۇراس تىلغا ئالغان بولۇپ ، ئۇ :«بىر كۈنى ئۇ (يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پادىشاھى شۇجائۇددىن ئەخمەتخان)بارچۇق تەرەپكە بېرىپ قابالى مىراب دەپ ئاتالغان شاھ نەزەر مىرابنىڭ ئۆيىگە چۈشتى») (9 دەپ يازغان.بۇنىڭدىكى «مىراب»ئاتالغۇسىغا ،ئاتاغلىق تارىخشۇناس ھاجى نۇر ھاجى تەبىر بېرىپ«مىراب بەگ ــــ سۇ،سوغۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى»دەيدۇ.(10)«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»دا:«بارچۇق شىمالىي دەريا(قاشقەر دەرياسى)غا يېقىن دەپ يېزىلغان»(11). بۇلاردىن باشقا«غەرىبىي دىيارنىڭ خارىتىلىك تەزكىرىسى»نىڭ 68-جىلدىدا:«قەشقەر،پەيزىۋات ،بارچۇق بۇ دەريا(قەشقەر دەرياسى )نىڭ سۈيى بىلەن سوغۇرىلىدۇ »(12)دىگەن مەلۇمات بار.بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا،يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 5-نۆۋەت تەخىتتە ئولتۇرغان خانى شۇجائۇددىن ئەخمەتخان بارغان «بارچۇق»ـــــ سۇ،سوغۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مىراب قابالى باشقۇرىشىدىكى سۇ رايۇنلىرىنى شەكىللەندۈرگەن قەشقەر دەرياسىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشقان «بارچۇق» بولۇپ ،مانا بۇ ،ھازىر «توققۇز ساراي» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان دەسلەپكى «بارچۇق شەھىرى»خارابىلاشقاندىن كېيىن ،ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرى ئورنىغا بەرپا قىلىنغان كېيىنكى «بارچۇق »تۇر .ئەمەلىيەتتە ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرىمۇ قەشقەر دەرياسىنىڭ يېنىدا.
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا،ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرىغا بەرپا قىلىنغان كېيىنكى «بارچۇق »ھەققىدە تارىخشۇناس شاھ مەھمۇت جۇراس مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇللاخان ۋاقتىدا (1638 -1669-يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) مىرزا فازىل جۇراس بارچۇقنىڭ ھاكىمى ئىدى»(13).بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كېيىنكى «بارچۇق » يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ھاكىملىرى خان تەرىپىدىن بىكىتىلىپ تۇرغان مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن «بارچۇق »نامى بىلەن ئاتالغان ، ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرى ئورنىغا جايلاشقان كېيىنكى «بارچۇق »شەھىرى، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى ،قورچاق خوجىلار ھاكىمىيىتى،ئۇنىڭدىن كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرىشى قاتارلىق بىر قاتار سىياسى - ھەربى ھەركەتلەر داۋامىدا،مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇن بولۇپ كەلگەن،1902-يىلى «بارچۇق ئايمىقى» مۇشۇ شەھەردە قۇرۇلغان . 1913-يىلى بۇجايدا ناھىيە تەسىس قىلىنىپ ،ئىسمى«مارالبېشى»دەپ ئاتالغان ۋە شۇندىن كېيىن «بارچۇق»دېگەن نام بارا-بارا ئىستىمالدىن قالغان.مانا بۇلار «بارچۇق»دېگەن نام بىلەن ئاتالغان جايلارنىڭ تارىخىي مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلىرى.
ئەمدى«مارالبېشى»دېگەن جاي نامىغا كەلسەك،بۇ ھەقتە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان سەيياھ سۇ شۇڭ يازغان«غەربىي ئەلدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىمدىن نەزمىلەر»ناملىق كىتابتا خېلى تەپسىلى خاتىرىلەنگەن بولۇپ،ئۇ كىتابنىڭ 2-جىلدىدا:« مارالبېشىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئاقساقمارال بولۇپ ،...ئۇتەي(五台)...يەنە ساڭتەي(仓台)دەپمۇ ئاتىلىدۇ.قەلئە ئىككى دەريا ئارىسىدا بولۇپ ،جەنۇپتىكى دەريا(يەكەن دەرياسى)غا يېقىن.مارالبېشى مەھكىمىسى شۇ يەرگە قۇرۇلغان»(14)دەپ يېزىلغان. چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۇرگەندىن كېيىن،بۇ رايۇننى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوخشاش مەمۇرى ئاپاراتلار بىلەن باشقۇرماي ،خېلى ئۇزاق مەزگىل ھەربىي كۈچكە تايىنىپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۇزۇپ كەلگەن(15). ھەمدە بۇ سىياسەتنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى(ئوردا ۋە قۇماندانلىق ئورگانلىرى بىلەن ئەسكىرىي قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن) ئەسلىدە بار بولغان رابات-قونالغۇلار ئاساسىدا ، يەنە مەخسۇس ھەربىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەربىي رابات (军台) لارنى بەرپا قىلغان . شۇ ۋاقىتلاردا «‹غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى› دە خاتىرىلىنىشچە،مارالبېشى دائىرىسى ئىچىدە جەمئى 12 ھەربىي رابات بار بولۇپ ،....ئۇتەي ( 五台 5-ھەربىي رابات) ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىدە »(16) دېيىلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، بەزى تارىخىي ماتىرىياللارغا قارىغاندا، ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە جايلاشقان ئۇتەي(五台) قۇرۇقلۇق ھەم سۇ قاتنىشى قولاي ئورۇن(يەكەن دەرياسىنىڭ يېنى ) غا جايلاشقان بولغاچقا ،ئەتراپتىكى ھەر قايسى ھەربىي راباتلارغا كېتەرلىك ئاشلىق مۇشۇ يەردە ساقلانغان ۋە مۇشۇ جاي ئارقىلىق ھەر قايسى راباتلارغا توشۇلغان . شۇڭا بۇ جاي ساڭتەي(仓台ئامبار رابات)دەپمۇ ئاتالغان(17).
دېمەك ، يوقارقى بۇ مەلۇماتلارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق ، تارىختا دەسلەپ «مارالبېشى»دەپ ئاتالغان جاينىڭ ئەسلى ، ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەرىبىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.دېمىسىمۇ ،دەسلەپكى «مارالبېشى» نىڭ ئاقساقمارال يېزا  تەۋەسىدە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقان سۇشۇڭ‹ مارالبېشىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئاقساقمارال›دەپ يازغان . يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ـــ  دەسلەپكى «مارالبېشى» نىڭ قەلئە خارابە ئىزنالىرى 1950-يىللاردىمۇ ،ھېلىھەم ئەشۇ  ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىدە بار ئىدى.
ئەمدى بۇ، ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسى  ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە جايلاشقان، دەسلەپكى مارالبېشى ۋە مارالبېشى قورغىنىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزدە،تارىخىي ماتىرىياللاردا خېلى كۆپ مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان بولۇپ ،نوپۇزلۇق قورال كىتابلارنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»دا خاتىرىلىنىشچە:«چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ،...1762-يىلى شىنجاڭغا ھۆكمىرانلىق قىلىدىغان ئەڭ ئالىي ئورگان ــــ ئىلى جاڭجۈنىنى قۇردى. ئىلى جاڭجۈنى ... خەلققە ھەربىي قوشۇن جەھەتتىن كېلىدىغان سېلىقنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ھەربىي قوشۇنلارنىڭ بوز يەر ئېچىپ ،دىھقانچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى . ھەربىلەر بوز يەرلەر رايۇنى قۇمۇل،پىچان،... ئاقسۇ،مارالبېشى ... قاتارلىق جايلارغا قەدەر كېڭەيتىلدى » (18)دېيىلگەن. كۆپ تەرەپلىمە كۈزۈتىشىمىزگە قارىغاندا ، بۇ «مارالبېشى» دېگەن جاي نامىنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىققان ئەڭ بۇرۇنقى ۋاقتىدۇ.بۇ ھەقتە يەنە ، روسىيىلىك غەيرى رەسمى ساياھەتچى ئا.ن.كوروپاتكىن (1876-يىلى) مۇنداق يازىدۇ : «مارالبېشى قورغىنىنىمۇ خەنزۇلار بىنا قىلغان ».بۇنىڭدىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، دەسلەپكى «مارالبېشى» نىڭ ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ  چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللار(18- ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى) دا بەرپا قىلىنغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .
ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 18-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە ،چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە بەرپا قىلىنغان بۇ دەسلەپكى «مارالبېشى »، ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە، ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرى ئورنىغا بەرپا قىلىنغان كېيىنكى «بارچۇق» بىلەن، تاكى 1913-يىلىغىچە بولغان تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىر ۋاقىت جەريانىدا،تارىخ سەھنىسىدە ئىككى جايدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.بۇ توغرىدا تارىخىي كىتابلاردىمۇ خېلى كۆپ مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان بولۇپ ،«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتابتا: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ياكى چىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇن ياكى شەھەرلەر تەدرىجى شەكىللىنىشكە باشلىدى . قەشقەرگە قاراشلىق ئۈستۈن ئاتۇش ، پەيزىۋات،...يەكەنگە قاراشلىق مارالبېشى،بارچۇق، پوسكام....مانا شۇ تىپقا كىرىدۇ. (19) دەپ يېزىلغان.« شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى(2)» ناملىق كىتابتا: مارالبېشى قەلئەسى  ياسالغان جاي ــــ ئاقساقمارال بىلەن بارچۇق بىر جاي ئەمەس.يېقىنقى مەزگىللەردىن بويان ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن.سۇشۇڭ«غەربىي ئەلدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىمدىن نەزمىلەر»نىڭ 2-جىلدىدا مۇنداق دېگەن: مارالبېشىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئاقساقمارال بولۇپ....ئۇتەي....يەنە ساڭتەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ....قەلئە ئىككى دەريانىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ ، جەنۇپتىكى دەريا‹يەكەن دەرياسى›غا يېقىن. مارالبېشى مەھكىمىسى شۇ يەرگە قۇرۇلغان ....قەلئەنىڭ شەرقىدە قومۇشلۇق كۆل كۆپ،ئۇنىڭ شەرقىدە بارچۇق ‹قاتارلىق›يېزىلار بار. شىمالىي دەريا‹قەشقەر دەرياسى›غا يېقىن .1883-يىلى بىۋاستە قاراشلىق مارالبېشى مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ ،1902-يىلى ئايماققا ئۆزگەرتىلىپ،ئورنى بارچۇققا كۆچۈرۈلگەن ۋە بارچۇق ئايمىقى دەپ ئاتالغان (20) دەپ خاتىرىلەنگەن.
شۇنداق ، 1883-يىلى بىۋاستە قاراشلىق مارالبېشى مەھكىمىسى دەسلەپكى مارالبېشى (ھازىرقى ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە بەرپا قىلىنغان مارالبېشى)دا قۇرۇلۇپ،1902-يىلى ئايماققا ئۆزگەرتىلىپ ،ئورنى كېيىنكى بارچۇق(ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرى ئورنىغا بەرپا قىلىنغان بارچۇق)قا كۆچۈرۈلگەن ۋە بارچۇق ئايمىقى دەپ ئاتالغان .لېكىن ، ئۇ چاغدا ئەشۇ ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە بەرپا قىلىنغان دەسلەپكى مارالبېشى، يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ ، بۇ كېيىنكى بارچۇق بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرگەن. 1913-يىلىغا كەلگەندە « مارالبېشى ناھىيىسى »تەسىس قىلىنىپ ، ناھىيە ئورگىنى ئەسلىدىكى  بارچۇق ئايمىقى ئورگىنىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان ، ھەمدە بارچۇق ئايمىقى ئەمەلدىن قالغان .شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن «بارچۇق» دېگەن نام بارا –بارا ئىستىمالدىن قالغان.شۇنداقلا ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە بەرپا قىلىنغان« مارالبېشى»مۇ بارا- بارا ئىشلىتىلىشتىن قالغان.كېيىنكى بارچۇق ئورنىغا دەسسىگەن كېيىنكى مارالبېشى ھازىرمۇ ناھىيە ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ ،ھېلىھەم شۇ  ــــ مارالبېشى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە .
يىغىپ ئېيىتقاندا،«بارچۇق»ۋە «مارالبېشى»تارىختا ھەرگىزمۇ بىر جاي بولماستىن ،بەلكى ئايرىم – ئايرىم،شۇنداقلا خېلى ئۇزاق مەزگىل تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىككى جايدۇر . شۇڭا« بارچۇق ـــــ مارالبېشى »،يەنى بارچۇق ھازىرقى مارالبېشىنىڭ قەدىمكى نامى دەپ تومتاقلا ئاتاش پۈتۈنلەي خاتا .ئەگەر ئەسكەرتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن بۇرۇنقى «بارچۇق»نى ئىپادىلەشتە ،چوقۇم ھازىرقى «توققۇز ساراي»قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئورنىنى كۆرسىتىش كېرەك.ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردىن1913-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى«بارچۇق»نى ئىپادىلەشتە ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرى ئورنىنى كۆرسىتىش كېرەك. 1913-يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى «مارالبېشى»نى ئىپادىلەشتە چوقۇم ھازىرقى ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە بەرپا قىلىنغان دەسلەپكى «مارالبېشى»نىڭ ئورنىنى كۆرسىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىكى «مارالبېشى»نى ئىپادىلەشتە ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرى ئورنىنى كۆرسىتىش كېرەك.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار:
(1) مەھمۇد كاشغەرى :«تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى نەشرى 1-توم 608-بەت
(2) لى جېڭۋۇ  شۈخەيروڭ «مارالبېشى تارىخىدىن پاراڭ» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى خەنزۇچە  نەشرى 24-بەت ،«مارالبېشى تارىخ ماتىرىياللىرى»(1) مارالبېشى ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تۈزگەن(ئىچكى ماتىرىيال). 18-ۋە 25-بەتلىرى .
(3) «مارالبېشى ناھىيىسىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش» مارالبېشى ناھىيىلىك تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزگەن 1989-يىلى 125-بەت .
(4) ئىمىن تۇرسۇن:«تارىمدىن تامچە»مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىلى نەشرى 592-بەت .
(5) «مارالبېشى تارىخ ماتىرىياللىرى»(1) مارالبېشى ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تۈزگەن(ئىچكى ماتىرىيال). 75-بەت.
(6) يۇقارقى كىتاب 67-بەت .
(7) يۇقارقى كىتاب 66-بەت .
(8) «مارالبېشى ناھىيىسىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش» مارالبېشى ناھىيىلىك تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزگەن 1989-يىلى 131-بەت .
(9) شاھ مەھمۇد جۇراس:«سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989-يىلى نەشرى 93-بەت .
(10) ھاجى نۇر ھاجى:«سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1993-يىلى نەشرى 208-بەت .
(11)(14)(17)(20)«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»(2) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1992-يىلى نەشرى 436-بەت .
(12) لىيۇۋزىشاۋ:«ئۇيغۇر تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1987-يىلى نەشرى 1053-بەت .
(13) شاھ مەھمۇد جۇراس:«سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989-يىلى نەشرى 146-بەت .
(15) لىيۇۋزىشاۋ:«ئۇيغۇر تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1987-يىلى نەشرى 954-961-بەتلەر.
(16) لى جېڭۋۇ ، شۈخەيروڭ «مارالبېشى تارىخىدىن پاراڭ» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى خەنزۇچە  نەشرى 46-بەت .
(18) «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1989-يىلى نەشرى 357-بەت
(19) «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1989-يىلى نەشرى 377-بەت
«قەشقەر» ژورنىلى 2013-يىلى 3-سانىدىن ئېلىندى.

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 16:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىخىي ماتىريالانى يولاپ بوغىچە جاپا تاتقانسىز ،تىمىڭىز ئارقىلىق تارىخنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۋالدىغان بولدۇق ،ھارمىغايسىز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

4

دوست

6884

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1787
توردىكى ۋاقتى: 430
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 16:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزنىڭ يەر-جاي ناملىرى تارىخىغا بەك قىزىقىمەن، كۆچۈرۈپ ئالدىم رەھمەت!

6

تېما

2

دوست

2689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 17:37:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرتۇم تارىخى ھەققىدە يەنىمۇ بىر قەدەم چۇڭقۇرلىغان تارىخى بىلىمگە ئىگە بولدۇم ،رەھمەت .
ھازىر دىيارىمىزدا «بارچۇق»ئاتالغۇسىنى قوللىنىش بىر قەدەر كەڭ ئۇمۇملىششقا باشلىدى ،گەرچە ھۈكۈمەت ئورگانلىرى «مارالبېشى »نامى بىلەن ئاتىلىۋاتقان بولسىمۇ ،لىكىن كۆپ قىسىم خەلق ئاممىسى «بارچۇق»دىگەن ئاتالغۇنى قوللىنىشنى ياخشى كۆردۇ دەپ ئويلايمەن .

1

تېما

7

دوست

4332

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1266
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 18:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umudwar520 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 17:37
ئانا يۇرتۇم تارىخى ھەققىدە يەنىمۇ بىر قەدەم چۇڭقۇرلىغ ...

بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ،بەك خوش بولدۇم.

6

تېما

2

دوست

2689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 18:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YAVUZ يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 18:15
بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ،بەك خوش بولدۇم.

ھەئە ،ئۆزىمىز  ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ تارىخىنى بىلىۋېلىش ھەقىقەتەن مۇھىم

2

تېما

12

دوست

4294

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1302
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 19:45:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمقى تارىختىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

15

تېما

1

دوست

4624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1400
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 20:46:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
بولسا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھازىرقى نۇپۇس،ئىقتىساد،يېزىلارنىڭ ناملىرى،ساياھەت
ئۇرۇنلىرىنىڭ ناملىرىنى يېزىپ قويسىڭىز؟
مارالبېشىنىڭ ئۈزىگە خاس يەرلىك شىۋە سۆزلىرى بارمۇ؟قەشقەر ۋە باشقا قوشنا ناھىيەلەر
بىلەن تەلەپپۇز ئورتاقلىقى ۋە پەرقى نەدە؟
مۇشۇ «تۇمشۇق»شەھىرىنى مارالبېشىغا يېقىن دەيدىكەن،بولسا بىلگىنىڭلارچە
بۇ جاينى چۈشەندۈرۈپ باقساڭلار؟
دېھقانلارنىڭ ھال كۈنى قانداق بۇجايدا؟مەھسۇلاتلىرىنى باشقا جايغا ئەركىن ساتالامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )