- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 588
- نادىر
- 0
- يازما
- 36
ئۆسۈش
  17.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sardar.0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-20 04:48
tikan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 20:46 
رەھمەت ،تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
بولسا مارالبېشى ناھىي ...
مەن مارالبېشىلىق بولمىساممۇ ئازراق چۈشەنچە بىرەي. ئازراق بولسىمۇ بىلىمەن.
مارالبېشىنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيە دەپ قارشقا بولىدۇ . تېرىلغۇ يەر كۆپ .ئاساسلىق دىھقانچىلىق زىرائىتى پاختا ، بۇ ناھىيىگە مەملىكىتىمىزدىكى غوللۇق پاختا شىركەتلىرىنىڭ شۆبىلىرى قۇرۇلغان. مارالبېشى ناھىيسىدىكى دىھقانلارنىڭ بانكىدىكى ئامانەت قويغان پۇلى ، قەشقەر شەھرى ئىچى ۋە تەۋەسىدىكى بىۋاستەقاراشلىق يېزىلاردىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى بۇيىچە بۇ ناھىيگە خوشنا ناھىيلەردىن كىلىپ ئىشلەيدىغان دىھقان ئىشلەمچىلەر ئەڭ كۆپ. ساياھەت ئورۇنلىرىدىن ، ئالتۇن توغراق ساياھەت رايۇنى ، ئاناركۆل سۇ ئامبىرى ، توققۇز ساراي قەدىمى شەھرى ، قاتارلىقلارنى بىلىدىكەنمەن.
يېزىلىرىنىڭ ناملىرى : چۇڭقۇرچاق ، ئاۋات ، يېڭىئۆستەڭ ، سېرىقبۇيا ، ئالاغىر، ئاقساقمارال، شامال، ئاناركۆل، دۆلەتباغ ، چارىباغ قاتارلىقلار.
شىۋىسى ئاساسلىقى : مەكىت ، يۇپۇرغا ناھىيلىرى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ، يەكەن ، قاغىلىق تەرەپلەردىن پەرىقلىق .
تۇمشۇق مارالبېشىغا خىلى يېقىن ، بېرىش كىلىش ئەھۋاللىرى قويۇق . تۇمشۇق بىڭتۈەنگە قاراشلىق بىر شەھەر . تۇمشۇق دىھقانلىرى پاختىنى ئەركىن ساتالمايدۇ ، بىڭتۈەنگىلا ئۆتكۈزىدۇ.
مارالبېشى ناھىيسىگە تەۋە يېزا بازارلار مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن ساتىدۇ.
مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن باشقا كەم تەرەپلىرىنى بارچۇقلۇق دوسلار سۆزلىگەي .
بارچۇقلۇق دوسلار ئەگەر خاتا جايلىرى بولسا نەقىل ئېلىپ خاپا بولۇپ كەتمەي ، توغرا چۈشەندۈرۈپ قويارسىلەر.
|
|