نەۋ باھار جىلۋە قىلىپ كەلدى كۈلۈپ،
زىمىننىڭ ھىسلىرىنى بىھۇش قىلىپ.
كۆكلەمنىڭ سېخىلىغى ئۇندىن ئارتۇق،
مىھرىدە ئادەملەرنى ئەللەي ئىتىپ.
بۇ مىھر، شۇنداق مىھر - ئۆزى سېھر،
تۇيغۇسى ئويغاقلارغا نائىل بولغان.
سۆيگۈسى مۇقەددەسلەر ئىلھام ئىلىپ،
ئاشىقلىق كۈيى يىزىپ شائىر بولغان.
بەختكە تەشنا بولغان بىر جۈپ ياشنىڭ،
ھاياتلىق ئالىمىگە كەلدى باھار!
ئىپارنىڭ ھىدلىرىغا ئەسرا ئۈمىد،
ئۈمىدنىڭ نۇرلىرىدا چاقنار ئىپار!
مۇشۇ تاپ، مۇشۇ يەردە بۇ سورۇندا،
قاياققا كۆز تاشلىساڭ خوشال چىراي،
توي بۈگۈن تۆكمە بولسۇن كۈلكە-چاقچاق،
زوقىدا دەرۋىش بولۇپ مەن ئايلىناي!
توي دىگەن ئىنسان ئۈچۈن مۇبارەك ئىش،
ئۆمۈرنىڭ پەللىسىدە كۈتۈپ تۇرغان.
بەختنىڭ بۆشۈكىدە ئەللەيلىنەر،
يۈرىگى سۆيگۈ ئۈچۈن گۈپ-گۈپ سوققان!
قاياققا نەزەر سالسام گۈزەل تىلەك،
سۆيۈملۈك مىھمانلارنىڭ چىرايىدا.
كۆكلەڭلەر، قۇتلىنىڭلار ئۈمىد-ئىپار،
ساپ نىيەت جامائەتنىڭ دۇئاسىدا!
دۇئانىڭ خاسىيىتى چەكسىز ئۇلۇغ،
"مۇبارەك بولسۇن" دەيمىز ئىنى-سىڭىل.
ئاياغلار قورام بولسۇن، بېشىڭلار باش،
ئۆتۈڭلار مەڭگۈ خوشال بولۇپ ئېجىل!