- تىزىملاتقان
- 2011-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2305
- نادىر
- 3
- يازما
- 76
ئۆسۈش
  10.17%
|
تويغا، تويغا يېزىلغان ۋە ئوقۇلغان شېئىرغا، جاراڭلىق ۋە ھېسياتلىق دېكلاماتسىيەگە قۇتلار بولسۇن!
بۇ شېئىرنى ئاڭلاپ، قومۇل بىلەن تۇرپاندا تىل تەكشۈرگەندە يىغقان توي بېيىتلىرى ۋە شۇ سورۇن يادىمغا يېتىپ قالدى.
توينى شۇنچە گۈزەل شېئىرلار، بېيىتلار بىلەن قۇتلۇقلاش نەقەدەر ياخشى ئىش ھە؟!
شۇ سۆز، ياخشىلىق سۆيەر بېيتچى ئاپىلىرىمىزنىڭ ئىسمىمىزنى ئاتاپ تۇرۇپ، بىزگە بېيىت تۇقۇپ كەتكەنلىرى نېمىدىگەن گۈزەل خاتىرە ھە؟! شۇ ئاپىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنلەردىن مەنمۇ بىر كۇپلېت بېيىت دەپ قوياي:
ئېگىز- ئېگىز دەرەخلەر،
ئېگىلىچان بولسا.
قىزىل- يېشىل يوپۇرماقى،
تۆكۈلچان بولسا.
بىر ياخشىغا بىر ياماننى،
بۇيرىماس بولسا.
ئىككى ياخشى بىر بولغاندا،
ئايرىلماس بولسا. (« قومۇل نەزمىلىرى» دىن)
ئاكامنىڭ تويى بولغاندا، سىڭلىم ئىككىمىز بېيىت ئوقۇشنى تالىشىپ كەتكەن تېخى. |
|