قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5714|ئىنكاس: 72

تۈركىيە تارىخىدىكى قىرغىنچىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

2

دوست

7904

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   58.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 721
تۆھپە : 2047
توردىكى ۋاقتى: 504
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 16:11:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تۈركىيە تارىخىدىكى قىرغىنچىلىق


(تەرجىمە ئەسەر)


    ئىسمەت ئىنۆنۈ ismet inönü تۈركىيەنىڭ مۇستاپا كامالدىن كېيىنكى ئىككىنچى جۇمھۇر باشلىقى بولۇپ، جۇمھۇر باشلىقى بولغان ۋاقىت، 1938- 11- 11- كۈنىدىن 1950- يىلى 5- 22- كۈنىگىچە. ھاياتى (1884- 9- 24- كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1973- 12- 25- كۈنى ئەنقەرەدە ئۆلگەن).




    1944- يىلى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرى. سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ۋە كاپكاسىيا دەريالىرىنى قانغا بويىغان يىللار. كومىنىست ئىددىيىسىنىى كېڭەيتىش مەقسىدىدە بولغان بولشىۋىكلار مىللەت، جىنسىيەت، دىنى... دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ئۆزلىرىنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىغان ياكى قارشى چىققان ھەرقانداق بىر ئىنساننى قىلچە ئىككىلەنمەستىن شۇ زامان قىرغىن قىلىپ ئۆلتۈرۈش گويا دۆلەت سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن يىللار...
    ئۇ يىللاردا بولشىۋىك دەھشىتىدىن جان قايغۇسىدا قاچقان سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەر گويا ئەتىراپتىكى دۆلەتلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيەمۇ ئۇ دۆلەتلەردىن بىرسى ئىدى. ئۆلتۈرۈلۈش قورقۇنچىدا ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قېچىپ كېتىۋاتقان ئىنسانلاردىن 146 نەپەر ئەزىرى، بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، بىزگە ئىگە بولىدۇ دېگەن ئۈمىت بىلەن قېچىپ، مىڭ بىر قىيامەتتە تۈركىيە چىگرىسىدىن ئۆتىدۇ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسى بانالىق تىلەيدۇ.
    سېۋىت جاسۇسلۇق ۋە ئاخبارات ئىدارىسى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي 146 نەپەر ئەزەربەيجانلىق ئەزىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ سىياسى پانالىق تىلىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ . سىتالىن تۈركىيە جۇمھۇر باشلىقى ئىسمەت پاشادىن (ئىسمەت ئىنۆنۈ) ئۇ سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەرنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسمەت پاشا ئىستالىننىڭ بۇ تەلىۋىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە (بەزى گەپلەرگە قارىغاندا تۈركىيە تۇپرىغى سىرتىدا تۈرك يوقتۇر دەپ) سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەرنى سېۋىتقا تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن دەپ بۇيرۇق چىقىرىدۇ. ئىسمەت پاشانىڭ بۇ بۇيرۇقى سىياسى پانالىق تىلەپ كەلگەنلەرگە مەسئۇل ساقچى ئىدارىسىغا كەلگەندە ساقچى باشلىقى كۆزىلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىياسى پانالىق تىلەپ كەلگەن ئەزەرىلەرمۇ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان يېزا خەلقىمۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسمەت پاشانىڭ بۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئەقلىنىڭ ئۇچىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. ساقچى باشلىقى بۇيرۇقنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكرار- تەكرار ئوقۇپ چىقىدۇ. ئەمما...
    ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئەزەرى زىلىيلار، بىزنى قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، خالىساڭلار سىلەر ئېتىۋېتىڭلار. ئۆلسەكمۇ ئۆز تۇپرىقىمىزدا ئۆلەيلى دەپ يالۋىرىشىدۇ. ئەمما باشقا چارە يوق، ھۆكۈم چىقىرىلغان ئىدى...
    پويۇزغا چىقىرىلىپ سېۋىت ئىتتىپاقىغا يوللانغان بۇ ئەزىرىلەر، بىز زادى ئۆلىمىزغۇ دېيىشىپ، پۇلغا يارىغىدەك قىممەت باھالىق ھېساپلانغان ئەشيالىرىنى پويۇزنىڭ پەنجىرىلىرىدىن يېزا خەلقىگە ئېتىپ بىرىدۇ.  
    رۇسىيەگە يولغا سېلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزىرىلەر رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ھامان، رۇسلار ئۇلارنىڭ قوللىرىنى باغلاپ، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا ئېلىپ چۈشۈپ تۈركىيە ساقچى باشلىقى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئېتىپ تاشلايدۇ. سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەرگە مەسئۇل ساقچى باشلىقى بۇ ئەھۋالنى چاقماق تىزلىكىدە ئىسمەت پاشاغا خەۋەر قىلىدۇ.
    ئەمما جۇمھۇر باشلىقى ماقامىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى بۇ ساقچى باشلىقى قانداقمۇ بىلەلىسۇن. بۇيرۇق قاتتىق ۋە كەسكىندۇر. ئەگەر بارلىق سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەر دەرھال رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلمەيدىكەن ساقچى باشلىقى ۋەتەنگە ئاھانەت (ۋەتەن خائىنى) دېگەن جىنايەت بىلەن سوتقا تارتىلىدۇ. باشلىق چارىسىز، ئامالسىز. ئىككىنچى گوروپپىدىكىلەرنىمۇ يولغا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ تەغدىرىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. ساقچى باشلىقىنىڭ ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغانلىقى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى توغرۇلۇق سۆزلەر بار...
    خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا 146 نەپەر ئەزەربەيجانلىق ئەزىرى سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سېۋىت بولشىۋىكلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ ۋە ھەممىسى ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۇلاردىن، ئۇلار ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆز تەقدىرى ۋە ئۆز ئۆلۈملىرى توغرىلىق ئېيتقان شۇ مەرسىيەلەر قالىدۇ.

بورالتاندا بىر كۆۋرۈك ئۆتۈپ كېتىدۇ ئاراستىن،
يۇساڭ ئاراس سۈيى بىلەن چىقماس يۈزۇڭ قاراسى.

قاراسى، قاراسى، مەرھەمەت پۇقراسى
قاراسى، قاراسى، مەرھەمەت پۇقراسى

دۈشمەن ساقلار ئالدىمدا، ئالدىغا ئاتتى مېنى،
جان ئېلىنغان بازاردا، قېرىندىشىم ساتتى مېنى.

قايرىلىپ ئېيتتىم يالۋىرىپ، مەرھەمەتسىز بىرسىگە،
مېنى سىز ئاتقان بولسىڭىزچۇ شۇ كاپىرنىڭ يېرىگە.

    كېيىنكى ۋاقىتلاردا شائىر ئالماس يىلدىرىم دۆنەك (تانغان، تانغۇچى، تېنىۋالدى- مۇ؟) قېرىنداش ئىسىملىك شىئىرىدە بۇ دەھشەتنى ئاڭلىتىدۇ.
     خوش، قانداق بولۇپ بىز بۇ سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەرنى قايتۇرۇپ بەردۇق؟ ھەر پۇرسەتتە ئىستىقلال ئۇرۇشىدا دۇنيانى يېڭىپ چىققانلىقىنى ئېيتىدىغان كامالىزىم سېۋىت بولشىۋىكلىرىدىن قورقتىمۇ؟
    غەلىتە...
    ئەمما بىلىنگەن بىر ھەقىقەت باركى، بولشىۋىكلەر ئىسمەت پاشانى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىكى بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان ئېلىپبە كىتاۋىدا بۈيۈك سېۋىت كاتتىلىرىنىڭ رەسىملىرىنىڭ ئىچىدە ئىسمەت پاشانىڭمۇ رەسىمى ۋە قىسقىچە تارىخى يېزىلغان ئىدى.

    ئەسكەرتىش: مەن بۇ يازمىنى كۆرۈپ توردىن چۈشۈرۈۋېپتىمە- نۇ، ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇپتىمەن. مانا ئەمدى ئىزدەپ تاپالمىدىم. شۇڭا خاتا چۈشەنچىدە بولۇنۇپ قالمىسۇن دەپ، ئەسەرنىڭ ئۆزىنىمۇ چاپلاپ قويدۇم.
    تەرجىمىسىنىڭ يېتەرسىز يەرلىرى بولسا ئەيىپكە بۇيرىماي، تۈزۈتۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.





Yıl 1944.... İkinci cihan harbi zamanları...Sovyetlerin Asya ve Kafkaslarda nehirleri kana buladığı yıllar... Komünist birrejimi dayatan bolşeviklerin ırk, cinsiyet, inanç ayrımı yapmadan karşısına çıkandüşünceyi katlettiği, tahammülsüzlüğün adeta devlet politikası olduğu dönem...

Bolşevik katliamından kaçan mülteciler çevre ülkelereyayılmışlar adeta.. Tabi Türkiye de bu yayılmadan nasibini almış.. Öldürülmekorkusuyla ’kardeş’ diye tanımlarıkları Anadoluya kaçan tam 146 Azeri aydınBoraltanı geçerek Türkiyeye sığınıyor...

Tabi Rus istihbaratı haberi alıyor ve Stalin, MilliŞefimizden mültecilerin iade edilmesini istiyor... İsmet Paşa da kırmıyor kadimdostunu ve bir iddiaya göre ’Türkiye dışında Türk yoktur’ diyerek iade emriniveriyor... Emir karakola geldiğinde memur gözlerine inanamıyor.. Ne Azerilernede onları bağırlarına basan köylüler böyle bir karar beklemiyorlar tabiki..Memur defalarca teyit ettiriyor emri... Fakat karar kesindir!

Durumu anlayan Azeri aydınlar ’bizi iade etmeyin,gerekirse siz kurşuna dizin. Kendi toprağımızda ölelim’ diyorlar ama nafile..Karar verilmiştir bir kere...

Trenle sınıra nakledilen Azeriler üzerlerindebulunan değerli eşyaları ’ zaten öleceğiz’ düşüncesiyle köylü kardeşlerineatıyorlar...

Derken bir grup sınır dışı edilerek Ruslara teslimediliyor ve hemen köprünün dibinde elleri bağlanarak infaz ediliyor... Durumurapor ediyor memur.. Ne bilsin köşkteki baykuşun kim olduğunu...

Emir sert ve açıktır. Eğer derhal bütün mültecileriade edilmezse teğmen vatana ihanetten yargılanacaktır... Çaresiz ikinci gruptaaynı kaderi paylaşıyor... Karakol komutanının akıl sağlığını yitirdiği veintihar ettiği söyleniyor... Sonuçta 146 aydın hunharca kurşuna diziliyor ve öldürülmedenönce tutsakların dilinden şu ağıt dökülüyor:

Boraltan bir köprü, aşar geçer Aras’ı,
Yuğsan Aras suyuyla, çıkmaz yüzün karası.

Karası, karası, merhamet fukarası
Karası, karası, merhamet fukarası

Düşman bekler karşıda, önüne kattı beni
Can alınan çarşıda, kardeşim sattı beni

Dönüp seslendim geri, merhametsiz birine,
Beni siz vursaydınız şu gavurun yerine.

Daha sonraları da şair Almas Yıldırım Dönek Kardeşadlı şiirde bu vahşeti anlatıyor.

Peki ne oldu da biz bu sığınmacıları geri verdik?Her fırsatta İstiklal harbinde dünyayı yenilgiye uğrattığımızı söyleyenKemalizm, Sovyetlerden mi korktu?

Tuhaf..

Ama bilinen bir gerçek var ki oda Bolşeviklerİsmeti çok severler... O kadar çok severler ki çocuklarına okuttukları biralfabelerinde büyük sovyet liderleriyle birlikte onun da resmine vebiyografisine yer vermişlerdir..
/tr]
<

169

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1785
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6594
تۆھپە : 6685
توردىكى ۋاقتى: 1568
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 17:25:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمەت پاشا بارچە تۈركى خەلىقلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ رەزىل پېتى، ماڭقا، يىرىڭ، تۈكۈرۈكلەرگە غەرق بولۇپ ياشايدۇ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

1272

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17701
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 17:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەۋمىنى ساتقان ئىسمەت پاشادەك ۋەتەن خائىنلىرى مەڭگۈ تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىقلىنىدۇ!

5

تېما

11

دوست

4013

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1266
توردىكى ۋاقتى: 492
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 18:02:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ساتقىنلار بىزنىڭ ئارمىزدىمۇ بولشى مۇمكىن

0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 18:04:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygur0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 17:31
قەۋمىنى ساتقان ئىسمەت پاشادەك ۋەتەن خائىنلىرى مەڭگۈ ت ...

ۋەتەن ، مىللەتكە خائىنلىق قىلغان ئنسان لەنەت تۈۋرىگىگە مىخلىنىدۇ

169

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1785
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6594
تۆھپە : 6685
توردىكى ۋاقتى: 1568
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 18:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurhali يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 18:02
بۇنداق ساتقىنلار بىزنىڭ ئارمىزدىمۇ بولشى مۇمكىن

بار، ئۇلارمۇ ئىسمەت پاشادەك لەنەت تېمىغا مىقلىنىپ ياتلىنىدۇ ھەم ياتلىنىۋاتىدۇ!

169

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1785
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6594
تۆھپە : 6685
توردىكى ۋاقتى: 1568
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 18:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurhali يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 18:02
بۇنداق ساتقىنلار بىزنىڭ ئارمىزدىمۇ بولشى مۇمكىن

بار، ئۇلارمۇ ئىسمەت پاشادەك لەنەت تېمىغا مىقلىنىپ ياتلىنىدۇ ھەم ياتلىنىۋاتىدۇ!

2

تېما

12

دوست

4331

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1314
توردىكى ۋاقتى: 330
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 18:07:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خائىنلارنىڭ جاجىسنى ئۆزى بىرە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )