- تىزىملاتقان
- 2014-4-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 44
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  14.67%
|
تارىخىي يازما مەنبەلەردە يېزىلىشچە ، 105-يىلى سەيلۇن ئۆتكەنكىلەرنىڭ تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەپ ناياپ ( قەغەز سۇيۇقلىقى ) تەييارلاپ، قەغەز ئىشلىگەن. ئەمما خەلق ئارىسىدا قەغەز ياسىلىپ بولغانلىقى مەلۇم. 1901 -يىلى ئاۋرىل سىتەيىن لوپنۇردىن قەغەز پارچىلىرىنى تاپقان.( ئارخىلوگىيەلىك ۋاقىت چېكى ۋېي-جىن دەۋرى يەنى مىلادى 220-420 يىللىرى) 1910-يىلى ۋېنادىكى بوتانىك،فىزولوگ ۋېسنىرنىڭ خىمىيىۋى تەھلىلىچە لاتا قېتىلغان ئۈجمە قوۋزىقىدىنئىشلەنگەنلىكى مەلۇم.يەنە شۇ دەۋرىگە تەئەللۇق تېپىلمىلاردىن تۇرپان رايونىدىكى قەبرىلەردىن قەغەز كەش ۋە قەغەز ئادەم چىققان.شاڭخەي شەھىرىنىڭ خىمىيىۋى تەھلىل قىلىشىچە، بىر قىسمى پاختىدىن كۆپ قىسمى كەندىردىن ئىشلەنگەن. خەن دەۋرى يەنى ( مىلادىدىن ئىلگىركى 25-206 -يىللار) خېلىلا يۈكسەلگەنماي ماددىسىدىن ئېرىغداش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنغان. ناياپنىڭ سۇپىتىمۇ روشەن دەرىجىدە ياخشىلانغان،تالالىرىنىڭ تەكشى-سىپتىلىقىمۇ يۇقىرى بولغان. ئۆسۈملۈك يىلىمى قوشۇلغان سۈپەتلىك پەردە گۈللۈك قەغەزۋە ئەتىقە قەغەز دىيىلىدىغان ئاقارتىلغان( سۈت) قەغەز دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن ئېسىل قەغەزلەر ھىساپلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا شىنجاڭ رايونىدىن تېپىلغان كىراخمال ۋە ھايۋان سۆڭكىنىڭ يىلىمى قېتىلغان رەڭلىك رەسىم قەغىزىمۇ بار بۇنداق قەغەز دىنىي مۇراسىم ياكى كۈيىدىن ساقلاش ئۈچۈن سېرىق بويالغان.
دېمەك تۇرپان- تارىم ئويمانلىقىدىكى قوۋملار مىلادىدىن ئىلگىرلا قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قەغەزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن ھەم يېڭى سورتلىرىنى ياراتقان . قەغەزچىلىك ھۈنىرى بۇ يەر ئارقىلىق خوراسان- ئىرانغا تارقالغان بولىشى مۈمكۈن .
‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنيىتى›› ئىمىن تۇرسۇن. |
|