ئۇيغۇرلاردا ئۈزۈلمەس ئۈمىد!
ئابدۇراخمان ئىمىن (بارگاھ)
بۇرۇن گېزىت-ژۇرنال ۋە تور دۇنياسىدىن مىللىتىمىزنىڭ نۇقسانلىرى قامچىلانغان ماقالىلارنى ئوقۇسام، «بىزدىمۇ لۇشۈنگەئوخشاش ئۆز قەۋمىنى ئويغىتىشنى بۇرچ دەپ بىلىدىغان ئېسىل يازغۇچىلىرىمىز بار ئىكەن»دەپ سۆيۈنەتتىم. ئەمما بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ئەۋجىگە چىققاندەۋردىمۇ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى قەدىرلەپ كېلىۋاتقان مىللىتىمىزنىسۆكىدىغان ئاتالمىش مىللەت سۆيەر قەلەمكەشلەرنى كۆرسەم ئۆزۈمنى ئەپ قاچىمەن،مىللىتىمىزنى سۆككەن تۇترۇقسىز ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئوقۇماي ئۆتۈپ كېتىمەن. بۇنداق چۈشكۈن، مەسئۇلىيەتسىز خاھىش تور ئەھلىنى زېرىكتۈردى بولغاي، بۇخىلدىكى ماقالىلارغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردىمۇ ئىنكار قىلىش ۋە تەنقىدلەش سادالىرى ياڭراۋاتىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىجاھاننى بارغانسېرى بىر كىچىك كەنتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكاقاتارلىق تەرەققى تاپقان ئەللەر ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا سىياسىي، ھەربىي،ئىقتىسادى ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە تېخىمۇ زور مەنپەئەت ۋە ئۇتۇقلارنى قولغاكەلتۈرۈشكە، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈن دۇنياغا تېڭىشقائىنتىلىۋاتىدۇ! ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى پايدىلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى تەرەققى قىلىشقا ئالدىراۋاتىدۇ! بىزقاچانغىچە ئۆز-ئۆزىمىزنى كەمسىتىپ، غاجاپ، بىر-بىرىمىزگە ئورا كولاپ، ھەسەت ئوتىداپۇچۇلىنىپ يۈرىمىز؟ ئۆزىمىزدىكى ئەيىپ-نۇقسانلارنى سۆكۈپ، ئۆزىمىزنى كەمسىتكەنسېرى روھىمىز چۈشتى، بۇ چاغدا بىرەرى كېلىپ، «ھەي ئۇيغۇر، روھىڭنى ئۇرغۇت! سەن بۇنداققەۋم ئەمەس!» دەپ باقتىمۇ؟ ئەيىپ-نۇقسانلىرىمىزنى قامچىلىغان «مىللەتپەرۋەرقەلەمكەش» لىرىمىزدىن قانچىسى ئۆزى سۆككەن ئىللەتلەردىن ئۆزىنى خالىي تۇتالىدى؟بىر-بىرىمىزنى غاجاپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا قايسى بىر قەۋم كېلىپ، «ئىناق-ئىتتىپاقئۆتۈڭلار، بولمىسا باشقىلارغا بوزەك بولسىلەر!» دەپ باقتى؟ بىر-بىرىمىزگە ئوراكولاپ، ئورىغا چۈشكەن ئادەمنىڭ يەنىلا ئۆز قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە،ئىچىمىز ئاچچىق بولمىدىمۇ؟ ئۇنىڭسىزمۇ ئۇيغۇرۇم دۇچ كەلگەن دىشۋارچىلىق ۋە تەتۈر قىسمەتلەر ئازمۇ؟... بۇتوغرىدا سۆزلىسەم گەپ تولا! ئەيىبنى ئېتىراپ قىلغانلىق- ياخشى باشلىنىش، ئۇنى تۈزەتكەنلىك- يۈكسىلىشتۇر! لېكىن ھەر ئىش لايىقىدا، نورمال بولغىنى تۈزۈك! يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىللىتىمىزنىڭ روھىي ھالىتىدە، مەنىۋىيىتىدە زادىلا ئويغىنىش بولمىدىمۇ؟ ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا،مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ساھەلىرىدە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدىمۇ؟ ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتتۇقمۇ؟ ياق! مەن ھەر قانداقسورۇندا، ھەر قانداق چاغدا ۋە ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئالدىدا ياق دەپ ئۈنلۈك جاۋاببېرەلەيمەن! «مىللەتپەرۋەر» لىك قالپىقىنى كىيىشكە ئالدىراپ، ئەكسىچەمىللىتىمىزنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، تەرەققىياتىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانمەغلۇبىيەت تەرەپدارلىرىغا، چولتا قەلەمكەشلەرگە غەزەپ بىلەن خىتاب قىلىمەنكى،مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىڭلارنى ئەمدى بولسىمۇ دەرھال توختىتىڭلار! سىلەر سۆككەن ئەيىپ-نۇقسانلارنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئىللەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. باشقا قەۋملەر ئۆزى ئىگە بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە تايىنىپ،پەننىي ۋە دىننىي مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئىللەتلەر ۋەيېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىپ كەلدى...؟!!؟؟ بىزچۇ؟؟؟ پەقەت نىسبەتەن ئاكتىپ ھالەتتە مەدەنىيەت تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىۋاتىمىز! بىزنى شۇنداق غەيرەتلىك،قانائەتچان، چىداملىق، سەۋرچان، ئىتائەتمەن قىلىپ ياراتقان اللەگە مىڭ مەرتىۋەرەھمەت!!! ئاتالمىش مىللەتپەرۋەر قەلەمكەشلەر، ھەسەتخورلۇق ۋە ئىناقسىزلىقنىڭ دىنىئەھكاملارغا، مىللىي ئەنئەنىگە مۇخالىپلىقى، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىشكە،يۈكسىلىشىگە زىيانلىقلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىسىلەر-يۇ، يازغان ھەر بىر قۇرۇڭلارداھەسەت ئوتى يېلىنجاپ تۇرىدۇ، ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى لېۋىڭلاردىن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ! شۇڭانۇقسانلىرىمىزنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن، ئۆز ھەرىكىتىڭلاردا، ئەمەلىيىتىڭلاردائۆزۈڭلارنىڭ نۇقساندىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىڭلار! ھەقىقىمىللەتپەرۋەر بولساڭلار، مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىگە، سودىگەرلەرگە،ئىشچى-دېھقان-زىيالىيلارغا، ئاجىزلارغا، مەكتەپلىرىمىزگە... ياردەم قىلىڭلار،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىشىگە، يۈكسىلىشىگە مەدەت بېرىڭلار! ئاندىن بىزسىلەرنىڭ گېپىڭلارغا، گېپىڭلارنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىمىز! مىللىتىمىزنىڭ روھىيىتى، مەنىۋىيىتىدىكى ئويغىنىش ۋە ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى قۇرلار ئارقىلىق تور ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. 1.ئۇيغۇرلاردا ھاراقكەشلىك تەلتۆكۈس تۈگىمىگەن بولسىمۇ، ھاراققا تۇتقان پوزىتىسىيىدەئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. يېشى 30-45 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىچىدە ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىۋاتىدۇ! ئىگەللىشىمچە، ئالىي مەكتەپئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن خېلى ئازىيىپتۇ! جەمئىيىتىمىزدەمەيلى كادىر بولسۇن، باي سودىگەر بولسۇن، دېھقان ياكى ئىشچى بولسۇن، توي-تۆكۈندەھاراق قۇيماسلىق بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ! ھاراق قۇيسىمۇ بىر ئۈستەلدىكى 10ئادەمنىڭ 6-7 سى بېشىنى چايقايدىغان ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ! بولۇپمۇ تومۇزۋەقەسىدىن كېيىن، ياشلىرىمىزدا كەيىپ-ساپاغا بولغان چۈشەنچە بارغانسېرىئايدىڭلىشىپ، ئېتىقاد ۋە ئۆزلۈك ئېڭى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ھالەتنىڭ ئۇزاققىچە داۋام ئېتىشىگە تەشنامىز، ئەلۋەتتە. 2. دىنىي ئېتىقاد بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان ئادەم ئۆلۈمدىن قورقۇپ بولسىمۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان تەڭرىسىنى يادىغا ئالىدۇ. ئەمما مىللىتىمىزدىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشى بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس. يات مەدەنىيەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن سەسكەنگەن مىللىتىمىزدە ئۆزلۈك ئېڭى ۋە ئېتىقاد ئېڭى ئىختىيارسىز رەۋىشتە كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. 15 يىل بۇرۇن مەسچىتلەر چۆلدەرەپ قالغان بولسا، ھازىر جۈمە نامازلىرىدا مەسچىتلەرگە ئادەم پېتىشمايدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە. دېھقان-چارۋىچى، سودىگەر، ھۈنەرۋەنلا ئەمەس، ئېتىقادسىز ئادەمدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىنسان بولمايدىغانلىقىنى، دىن بىلەن پەننىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى تونۇش،دىنىمىزنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى، ئەۋزەللىكىنى تونۇش ئىستىقبالىمىزنى نۇرانەقىلغۇسى! 3.ئۆز-ئارا قوللاش ۋە ياردەم بېرىش بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. پۇل تاپقان سودىگەر،كارخانىچىلار مەكتەپلەرگە، يېتىم-يېسىرلارغا، ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغاپۇل ۋە ماددى بۇيۇم ئىئانە قىلىش، ئىختىساس ئىگىلىرى مىللىي كارخانىلارغا كىرىپئىشلەش، ئېستىمالچىلار ئىمكانقەدەر مىللىي كارخانىلارنىڭ، سودىگەرلەرنىڭمەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇرۇن تورداپاراڭلىشىش ۋە مۇھەببەتلىشىش ئەۋج ئالغان بولسا، ھازىر ئۆز-ئارا بىلىم ھۈنەرئۆگىنىش، ياردەم بېرىش ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن تور بەت بىلەن ھەپىلەشكەنچاغلىرىمدا ماڭا ئۈن-تىنسىز، مىننەتسىز، ھەقسىز ياردەم قىلغان تور بەتچى بۇرادەرلىرىمنىڭ، توغرىسىنى ئېيتقاندابىر ساھەدىكى رىقابەتچىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى ئەسلا بىلمەيمەن،چىرايىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان. مانا بۇلار بىزدىكى ئىتتىپاقلىق، قوللاش، ياردەم بېرىشنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىغا دەلىل ئەمەسمۇ؟ بىزدىكى ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ئەمدى راۋرۇس چېچەك ئاچتى، ئىشىنىمەنكى، بىز بۇ مۇقەددەس گۈلنى ھەرگىز سولاشتۇرۇپ قويمايمىز. 4.تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا، ئۇچۇر-ئالاقە ساھەلىرىدىمۇ نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۇق.سەبىيلىرىمىز 7 يىلدىن بېرى خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇق تاجىنىكىيىپ كېلىۋاتىدۇ. بوكىس ۋە پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبول، بىليارت قاتارلىق توپتۈرلىرىدە ئۇتۇق قازىنىپ مىللىتىمىزگە شەرەپ كەلتۈرگەن چولپانلىرىمىز ئاز ئەمەس.فىزىكا، خىمىيە، تىبابەتچىلىك، يېزا-ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ساھەلىرىدە دۆلەت ئىچى ۋەسىرتىدا داڭق قازانغان ئالىملىرىمىز ھەم بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. يۈرەكلىك ھالدا ئېيتالايمەنكى، يۇمشاق دېتال ساھەسىدە، بىز 56 مىللەتنىڭ ئارىسىدا2-ئورۇندا تۇرىمىز. بۇنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۇيغۇر سوفت، مۇئەللىم، بىلكان،ئېرپان... قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. تور بەتلەرنىڭ سانى ۋە سۈپەت جەھەتتەئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بېكەتلەر مەملىكەت بويىچە يەنىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.مەسىلەن، باغداش، نۇرقۇت، ئۇلىنىش، نۇر، مىسرانىم، ئەلكۈيى... دېگەندەك، يەنە كېلىپ بۇ تور بەتلەرنى خۇسۇسىيلار قۇرغان، بەت قۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلاردۇر. ئۇچۇرئالاقە ساھەسىدە تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يانفۇننىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۇيغۇرچەتۈرلۈك ئەپلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە بۇ ساھەدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كارخانا ۋەئىختىساسلىقلارنىڭ كۆپىيىشى بىزنى يەنىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. 5.سودا ئېڭىمىزدىكى ئۆزگىرىش كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. يىپەك يولىدىكى سوداكارۋانلىرىنىڭ ئىزباسارى بولغان ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى كونا تىجارەت ئېڭىنى تۈپتىنئۆزگەرتىپ، داڭلىق ماركا، كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىشقا ئاتلاندى. ئارمان، ئىخلاس، ئامىنە، ئىلچى، تەبەسسۇم... قاتارلىق قىسمەنكارخانىلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز تاپتى، پۇل تاپتى، ئەڭ مۇھىمى باشقىلارغا دۇنيادائۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ داڭلىق كارخانا، داڭلىق ماركا يارىتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئەمدى ھازىرقى گەپ ئوخشاش ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، تېخنىكا، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلارنى جۇغلاپ، تېخىمۇ تېز روناق تېپىشتا،خالاس. 6.ئېسىل ئەنئەنىلەر تېخى ئاياغلاشمىدى. مەدەنىيىتىمىز گۇمران بولۇش گىردابىدىن تېخى يىراقتا. مىللىتىمىزنىڭ جاھان ئەھلى ئالدىدا سۆيۈنۈپ تۇرۇپ تىلغا ئالالىغۇدەكنۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنىلىرى بار. مەدەنىيەت تاجاۋۇزى ۋە شەھەرلىشىش تەسىرىتۈپەيلىدىن قىسمەن تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدە قىسمەن ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەنئەنىمىزدىن پۈتۈنلەي ۋازكەچكىنىمىز، ھەممىنى بىراقلا يوقىتىپ قويغىنىمىز يوق. ئۇيغۇر بارلىكى يەردە، مەيلىيېزا ياكى شەھەردە بولسۇن، ئېسىل ئەنئەنىلەر داۋام ئېتىپ كەلمەكتە. شەھەرلىكلەرنىڭئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان سىغىنىشى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيمەكتە. تىل ۋەيېزىقىمىزنىڭ كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتكە كۆز يۇممايمىز.ئېسىمىزدە بولسۇنكى، تەرەققى تاپقان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى مەڭگۈ يوقالمايدۇ، گەپ ئۆزىمىزنى ھەر قايسى ساھەلەردە قانداق قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇشتا، تىل-يېزىقىمىزنىقانداق قىلىپ قەدىرلەشتە. تەرەققى قىلمىغان قالاق مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىغا ھېچكىم قىزىقمايدۇ. ئۆزىمىز قەدىرلىمىگەن تىل-يېزىقنى باشقىلار قانداقمۇ قەدىرلىسۇن؟...مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىمىزدىن بەزىلىرى سودا ۋە تىجارەت بىلەن بىرلىشىپ، بارغانسېرىتاكامۇللىشىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى دۆلەت ۋە ب د تتەرىپىدىن ماددى ياكى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى قىلىپ بېكىتىلىپ قوغدىلىۋاتىدۇ. مانا بۇلار مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارغانسېرى نۇرلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرنىڭ %80 ىيېزىلاردا. بۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىمىزنىڭ چوڭلىقىنى، يىلتىزىمىزنىڭ خېلى چوڭقۇرلىقىنى دەلىللەپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس. دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرى ئېتىراپ قىلغانبىر ھەقىقەت بار، ئۇ بولسىمۇ دېھقىنى بار مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ھەرگىز يوقالمايدۇ.مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەممىمىز دېھقانچىلىقتىن باشقىنى قىلماسلىقىمىز كېرەك دېمەكچى ئەمەسمەن، ئەلۋەتتە. سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى ۋە ماقالىنىڭ بەك ئۇزىراپ تور ئەھلىنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشنى راۋاكۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن باشقا ساھەلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئالمىدىم. ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، مىللىتىمىز ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت تاجاۋۇزى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئىچكى-تاشقى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىمىزنىڭ ئاجىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، بىز يەنەئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشى... قاتارلىق ئىجتىمائىيئاپەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتىمىز. يەنە تەكىتلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىمكى، بۇنداق نۇقسان ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە باشقا دۆلەت، مىللەت ۋە قەبىلىلەرمۇ يولۇققان ۋەئاستا-ئاستا ھەل قىلغان. ھەتتا بەزىلىرى قانلىق بەدەللەرنىمۇ تۆلىگەن. شۇڭا بىزھەرگىزمۇ نۇقسان ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلماستىن، مەسىلىنى بايقىغان ئىكەنمىز، ۋاقتىمىز ۋە زېھىمىزنى قانداق ھەل قىلىشقاسەرپ قىلىشىمىز كېرەك. مىللىتىمىزنى ھەقىقى سۆيسەك، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى! تەرەققىياتنى كۆزلىسەك، ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنەيلى! ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشايلى، بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرەيلى! بىر-بىرىمىزنى قوللايلى!
2014-يىلى 2-ئاپرېل، شەھىرى تۇرپان.
|