- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 583
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  16.6%
|
خەلقىمىزنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيۋاتقانلىقىنى مەنمۇ بىر قانچە بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقە ئارقىلىق ھىس قىلدىم.
ئۈرۈمچىدە بىر قىتىم تاكسىغا ئولتۇرۇپ خوچېجەنگە دەپتىكەنمەن شوپۇر شۇئانلا :ئۇكام،ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەمسىز؟پويىز ئىستانسىسىغا ئاپىرىمەنمۇ ؟ دىگەنىدى،خىجىلچىلىقتا ئىككىنچى ئۇنداق ئەبجەش سۆزلىمەيدىغان بولدۇم،باشقىلارنىڭ دابازا دىگىنىنى ئاڭلىسام ئەسكەرتىدىغان بولدۇم،بۇ شوپۇرغىمۇ ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.دىمەك شوپۇرلىرىمىز يەر جاي ناملىرىنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا دىيىشنى تەشەببۇس قىلىۋىتىپتۇ.
ۋۇخەندە پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ماشىنا ساقلاپ تۇرغىنىمدا بىرى ئۇيغۇر تىلىدا :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كىلىپ كۆرۈشتى،كىيىن ئادەم جىق جايلارغا بىرىپ باشقىلارنىڭ سومكا يانچۇقلىرىنى كۆزەتكىنىدىن نىمە ئىش قىلىدىغىنىنى بىلدىم. ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى،مېنىڭ يانچۇقۇمغا قول سالسىمۇ سالالايدىغان تۇرۇپ ئۇنداق قىلمىغان ،ئەكسىچە قېرىنداشلىق مىھرى بىلەن كۆرۈشتى،دىمەك ئاشۇ «يانچۇقچى» جىنىدا يات يۇرتتا ئۆز قەۋمىنىڭ ئادىمىنى ئايىغان |
|