ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسى تېپىلدى
بىلىمخۇمار 2014-يىلى 27-مارت
«دۇنيا كۈندۈلۈك خەۋەرلىرى» تور بېتىدە 25-مارت كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋىنگىرىيەلىك ئارخېئولوگلار يېقىندا ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسىنى تېپىۋالغان. بۇ بايقاش بىر توپ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋىنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىكى دوناي دەرياسى (Danube River) غا بىر يېڭى كۆۋرۈك سېلىش ئۈچۈن، تۈۋرۈكلەرنىڭ ھولىنى كولاۋاتقاندا يۈز بەرگەن. مۇتەخەسسىسلەر تېپىلغان قەبرە ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 6-ئەسىردە ۋاپات بولغان ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. قەبرىنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇنلىغان ئات سۆڭەكلىرى، ھەر خىل ئۇرۇش قوراللىرى، ۋە قول ھۆنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى چىققان بولۇپ، ئۇلارنڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا ھونلار ئىشلەتكەن نەرسىلەر ئىكەن. تېپىلغان نەرسىلەرنڭ ئىچىدە بىر ئىنتايىن ئىتتىك چوڭ تۆمۈر قىلىچ (Sword made of meteoric iron) مۇ بار بولۇپ، ئۇ ئاتتىلاغا تەڭرى مارس بەرگەن، «مۇقەددەس ئۇرۇش قىلىچى» (Holy war sword of Scythians) دېگەن داڭلىق قىلىچنىڭ ئۆزى بولىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يەرنىڭ ئاتتىلا كۆمۈلگەن يەر بولىشى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، بۇ ئىشنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر ئىكەن.
ئاتتىلا ھەققىدە كۆپرەك نەرسە بىلىۋېلىشنى ئىستىسىڭىز، مېنىڭ «ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم» دېگەن ماقالەمنى ئوقۇپ بېقىڭ. ئۇنىڭ تور ئادرېسلىرى:
./thread-23767-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-57605-1-1.html
http://bbs.misranim.com/thread-120899-1-1.html
پايدىلىنىش ماتەرىيالى:
Hungary: Archeologists Discover Tomb of Attila the Hun
http://worldnewsdailyreport.com/ ... -of-attila-the-hun/
1-رەسىم: ئاتتىلانىڭ قەبرىسىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ بىر كۆرىنىشى
|