بىلىمخۇمار ئەپەندى قالدۇرۇپ قويغان مەنبەدە مۇنازىرە قىززىغاندەك تۇرىدۇ.
مەن ئىنگىلىزچە بىلمەيمەن، لىكىن شۇ مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ تۈركىيچە تورنامى، تۈركىي يازمىلىرىغا، ئىنگىلىزچە ئىنكاسلاردىكى تۈرك (تۈركىي)، موڭغۇل دېگەن گەپلەرگە قاراپ مۇنازىرىنىڭ نېمە ھەققىدە كېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئازراق پەرەز قىلدىم. چىڭگىزخان دېگەن بىرەيلەن ئېنگىلىزچە سەكرەۋىتىپتۇ. بىر خەن يولداشمۇ باردەك تۇرىدۇ. ئۇيغۇر- ھون- تۈرك دېگەن بىر فورمىلامۇ باردەك. تۈركىي ئادەملەر بىلەن موڭغۇللار ۋە موڭغۇل تەرەپدارلىرى ئاتىللانى تۈرك، موڭغۇل دەپ تالىشىۋىتىپتۇ دەپ تەخمىن قىلدىم.
ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلار ھەر بىر ئىنكاسنى بىردىن بىردىن تەرجىمە قىلمىساڭلارمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ بولسىمۇ تەرجىمە قىلىۋىتىڭلار. بىزلەرمۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر قالمايلى. ئىلىمگە زاكات كېلىدۇ، ئىلمىڭىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىۋىتىڭ.
|