فىرانسۇز تىلى ۋە فىرانسىيلىكلەر
سامۇك
بىر كۈنى مەن فىرانسىيەنىڭ دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم ، ئۇنىڭ مىنى كۆردى ، بىرىنجى ئېغىز گېپى شۇ بولدىكى ، «سىزنىڭ ئۈچ ئايئىچىدە فىرانسۇز تىلىنى ئۈگۈنۈپ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .»
ئۇ چاغدا مەن ھەيران قالغان ئىدىم . مەن ئېنگىلىزتىلى دۇنيا تىلىنى شۇنچە ياخشى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا فىرانسۇز تىلى ئۈگەنگۈدەكمەن ؟ كۆڭلۈمدىن قايىل ئەمەس ئدىم . كىيىنچە بىلدىمكى فىرانسىيلىكلەرنىڭ بىر خاراكتىرى بار ئىكەن ، ئۇ بولسىمۇ ئېنگىلىزتىلىنى شۇنچىلىك ياخشى بىلسىمۇ فىرانسۇزتىلى سۆزلەيدىكەن ئۇلار ناھايتى مەغرۇر بولۇپ ، قەلبى ئۆزىنىڭ تىلىغا بولغان پەخىرلىنىش ۋە مەغرۇرلۇققا تولغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئادىتى شۇ بولۇپ ، سىز فىرانسۇز تىلى بىلمىسىڭىز كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىكەنسىز ، شۇنىڭ بىلەن مەن تېرىشىپ فىرانسۇزتىلى ئۈگۈنۈشكە باشلاپ ، ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدە ئۈگۈنۈپ بولدۇم . بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىزنىڭ سودا فاكولتىتى خەلقئارالىق فاكولتىت بولۇپ ، بۇنىڭدا بەش پارچە فىرانسىيلىلك كىشىنىڭ كىتابى بارئىكەن ، بۇنىڭ بەش پارچە ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى بولۇپ ، بەش پارچە فىرانسۇزچە كىتابتا داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئىمزاسى بولۇپ ، بەش پارچە ئېنگىلىزچە كىتابنىڭ ئۈچىدىلا ئىمزا بارئىدى . كىيىن بىلدۇقكى فىرانسىيلىك مەشھۇرشەخسلەر ئېنگىلىزچە كىتابقا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان ئىكەن .ئۇلار ئېنگىلىزچىنى بىلمەيدۇ ئەمەس ، بەلكى ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلەشنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ ، ئاندىن فىرانسۇز تىلىنى ئىشىلتىپ سۆزلىشىدىكەن . شۇڭلاشقا بىزمۇ ئاۋال ئېنگىلىزتىكى ۋە باشقا كېرەكلىك تىللارنى ئۈگۈنۈپ بولىشىمىز كىرەك . مەنبە : « يېڭى شەرىق تىل تەربىيلەش مەكتىۋى » دىكى ئېنگىلىزتىلى مۇئەللىمنىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە .
|