دېزىل ماتورىدىكى بىسىم ئاشۇرغۇچ
‹‹ئىككى تاكىتلىق ۋە تۆت تاكىتلىق ماتورنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى›› دىگەن تىمىدىن نۇرغۇنلېرىمىز ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتىلنىڭ ھاۋا نى قىسىپ يىقىلغۇنى پۈركۈش ياكى يىقىلغۇنى ھاۋاغا ئارلاشتۇرۇپ قىسىلغاندا ئۇچقۇنلىتىش ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ، پەيدا بولغان كىڭىيىش كۈچىدىن ماتور پورشىنىنىڭ ئىش ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز.
ھازىرقى مەسلە بولسا يىقىلغۇدىن پايدىلىنىش ئۈنىمىنى ئاشۇرۇش، يەنى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ماشنىنى ئوخشاش يولدا ماڭغاندا ئادەتتە ئىككى لىتىر ماي ئىشلەكەن بولسا ، ماي سەرپىياتىنى شۇ ئىككى لىتىردىن كىمەيتىش.
يىقىنقى يىللاردىن چوڭ تىپتىكى دېزىل ماتورلاردا ھاۋا كىرىش ئېغىزىنىڭ ھاۋا بىسىمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ، ماتورنىڭ يىقىلغۇنى پاكىز كۆيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ماتورنىڭ يىقىلغۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئاشتى، ھەم كىچىك تىپتىكى دېزىل ماتورلارغىمۇ بۇ تېخنىكا قوللىنىلۋاتىدۇ.
بۇنىڭدا ماتور ئىشلەش دەۋرى ئاخىرلاشقاندا سىلىندىر ئىچىدىكى ئىشىنچا ئىسسىقلىق ۋە بىر مىگە پاسكال ئەتراپىدىكى ئىتىلىپ چىقىدىغان بىسىمدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلمىنىڭ بىر تەرپىدىكى ياپراقچە ئايلىنىش ئىنىرگىيسىگە ئېرىشىدۇ، ھەم ئۇتتۇردىكى ئوقنىڭ يەنە بىر تەرەپتىكى ياپراقچىنى ئايلاندۇرىشى بىلەن ، 130 كىلو پاسكال ئەتراپىدا بىسىم ھاسىل قىلىنىپ، ھاۋا شۈمۈرۈش تاكىتىدا سىلىندىر ئىچىگە يىتەرلىك ھاۋا كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يىقىلغۇنىڭ تىز ھەم تۇلۇق كۈيىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئۇسولدا يۇقىرى بولغاندە %40 كىچە يىقىلغۇ تىجىلەرمىكىن...
يەنە مۇشۇ ئىش جەريانىدا ماتوردىن چىقىدىغان كېرەكسىز گازدىكى يۇقىرى تىمپىراتورىنىڭ قۇرۇلما قارشىلىقىنى كىمەيتىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان شارىكلارنى سىلىقلاش مايلېرىدىن ئايرىۋىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماتورنىڭ سىلىقلاش سېستىمىسىدىكى ئايلىنىدىغان سىلىقلاش مىيىنى ئىككى تال نەيچە ئارقىلىق داۋاملىق سىلىقلاپ تۇرۇش ھەم يۇقىرى ئىسسىقلىقنى يۈتكىۋىتىش ئۈچۈن ئوقنىڭ ئۇتتۇرا قىسمىدىن ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياسالغان. بۇ خىل چارە يەنە ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋىتى چوڭ بولغان بېنزىن يىقىلغۇ قىلىنىدىغان ماتورلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتىكى بېنزىن ماتورلارغا ئىشلەتكەندە تۈۋەن ئابروتتا ھاۋا بىسىمى ئاشۇرۇلسا ھاۋا بىلەن يىقىلغۇنىڭ نىسبىتى ئۆزگىرىپ، يىقىلغۇ قۇيۇقلىقى تۈۋەنلەپ كىتىپ، ماتور ئوتى ئۈچۈپ قالىدۇ.
2000- يىللاردىن كىيىن ماشنا رىمونىت قىلىدىغان ساۋاقدىشىم ماڭا بۇ نەرسىنى تۇنۇشتۇرۇپ، يىڭىدىن ئىلىكتىرىك قىلىپ ئىشلىسەك پەقەت ھاۋا كىرىش ئېغىزىغىلا ئورنىتىپ قويساق بۇلىدىغانلىقى، ئورنىتىشتا قۇلايبۇلۇپلا قالماي يەنە سىلىقلاش مىيى ئارقىلىق سۇۋۇتۇش ئاۋارىچىلىقى بولمايدىغانلىقى تۇغرىلىق سۆزلەپ، ئىلىكتىرىك بىسىم ئاشۇرغۇچ ياساشنى مەسلىھەت قىلغان ئىدى، مەن كىچىك بولغاندىمۇ 400 ۋات قۇۋۋەت ئىشلەتسەك ئاندىن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدىغانلىقىنى ھىسابلاپ چىققاندىن كىيىن ھەر قايسىمىز ئۆز ئىشلېرىمىز بىلەن بۇلۇپ ، ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى، ھازىر بولسا ئىلىكتىرىك بىسىم ئاشۇرغۇچلارمۇ بازارغا كىرىپ بولدى.
بۇلارنىڭ بىسىمى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ يەنىلا يىقىلغۇ تىجەش ئۈنىمى بار، ئورناتقاندا ماي كىلاپانىنى سەل كىچىكلىتىپ تەڭشەپ قويمىساق، ماتور كۈچى ئىشىپ كەتكەندىن كىيىن مەلوم قىسىملارنىڭ ماسلاشمايدىغانلىقى سەۋەپلىك بەزى قۇرۇلمىلار سۇنۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بۇلىدۇ، ئىلىكتىرىك بىسىم ئاشۇرغۇچ ئورناتقاندا بىسىم ھەسسىلىكىگە قاراپ يىقىلغۇ مىقتارىنى مۇۋاپىق كىمەيىتسە بۇلىدۇ. كېرەكسىز گازدىن پايدىلىنىدىغان قۇرۇلمىلارنى ئورناتقاندا ئەڭ ياخشىسى يىقىلغۇ مىقتارىنى %30 تىن يۇقىرى كىمەيتىش كېرەك.
يەنە سۈپەكتىن توك چىقىرىپ ئىشلىتىدىغانلار بۇ ئۇسۇولنى قوللانسا خېلى يىقىلغۇ تىجىيەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن توكنىڭ تەننەرخى تۈۋەنلەيدۇ.
|