ئەزا بەي يەنسوڭنىڭ تەكلىپى يارايدۇ
سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بەي يەنسوڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن 13-15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەردى .
مەمىلكەتلىك ئىشكىي يىغىندىن ئىگەللىنىشچە سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بەي يەنسوڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن 13-15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەرگەن.
بەي يەنسوڭ مۇنداق دېدى : ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت ئىككى قېتىم قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھەنى جەمىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىپ ،ئاخىردا نەتىنجىسنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ پۇتۇن ئاممىنىڭ يۈكسەك دېققىتىنى تارتىپ، دەم ئېلىش خەلىق كۆڭۇل بۆلىدىغان مۇھىم مەسلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلدى.
ھەممە نورمال بولغاندا دۆلىتىمىزدە ھەر يىلىدىكى دەم ئېلىش كۈنى 115كۈن بۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 104 كۈنى ھەپتە ئاخىردىكى قوش دەم ئېلىش كۈنى بۇلۇپ قالدى ،11كۈن بولسا بىر يىل ئىچىدىكى ھەقىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش ھىساپلىندۇ. دۆلىتىمزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق ئارام ئېلىش كۇنى بولسا دۇنيادا ئەڭ ئاخىردا تۇرۇش بىلەن بىرگە ، بۇ ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق ئارام ئېلىش سىياسىتى ئىنتايىن تەستە ئۇمۇملىشۋاتىدۇ ياكى ئۇمۇملاشتۇرۇش تەس بۇلۋاتىدۇ ، ھەتتا بىر قىسىم ئۇرۇنلار ئۇچۇقتىن ئۇچۇق بۇ خىلدىكى دەم ئېلىشنى خىزمەتچىلەرگە بېرىشنى رەت قىلدۇ . جوڭگولۇقلارنىڭ دەم ئېلىشى شۇ ئائىلىنىڭ بەختىلىك بۇلۇشىدا موھىم ئۇرۇنغا ئىگە ، بۇلۇپمۇ پەرزەنتلەرنى ئاساس قىلغان ئائىللەردە بۇلۇپمۇ چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن بەھىرلىنىشنى مۈشكۇل ھەم تەس . مۇشۇنداق بولغاچقا جەمىيتىمىزدە %50 دىن كۆپرەك كىشلەرنىڭ 1- ماي ئالتۇن ھەپتىلكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى تەلەپ قىلشىنىڭ ئاساسى بۇلۋاتىدۇ . شۇڭا قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن ئۆتكۈنچى ۋاقىتتا 13 كۇنگە ،ئەڭ ئاخىردا 15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بېرىمەن . ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلدۇ ، بىر خىلى -دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلمە چىقىرىپ 1-ماي دەم ئېلىشنىڭ كەينىگە << ئالتۇن ھەپتىلىك >> نى قۇشۇپ 1- ماي ئالتۇن ھەپتىلكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ؛ يەنە بىر خىلى -دۆلەت بەلگىلمە چىقىرىپ يېڭىدىن 2-4 كۈنگىچە قۇشۇش ،بۇنى ئوخشىمىغان ئەھۋاللار ياكى ئۆرۇپ - ئادەتكە ئاساسەن ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر،ئاپتۇنۇم رايۇن ئۆزلىرى كونكىرىت ئورۇنلاشتۇرۇش ، مۇشۇنداق بولغاندا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرشى كەلتۇرۇپ چىقارغان يول ۋە مەنزىرە نوقتىلىرىنىڭ ئادەم بىلەن تۇشۇپ كىتىش ئەھۋاللىرنى يىنىكلەتكىلى بۇلدۇ .
مەنبە : نەۋقىران
|