- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
بىزنىڭ يېزا بازىرىدىكى ئورگان كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېغىزىدا «ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان بولسام سەل ياخشىكەن» دەيدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتتى. سەۋەبى: ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداقلا بولمىسۇن يىلدا ئىككى قېتىملىق تەتىل كۈنى بار، شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئارامغا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە- يەكشەنبىلىك، بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەر ھالدا يامان ئەمەس بار. ئەمما ئەشۇ زار- زار قاقشاۋاتقان ئورگان كادىرلىرىچۇ؟ ئۇلارغا ھەتتا قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى تولۇق بولمايلا قالماستىن ھەتتا ھەپتىدە ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمۇ يوق، ھەتتاكى ۋاقتى كەلسە 8 سائەتلىك ئىش ۋاقتىمۇ ئۇزارتىلغان. نېمە دېسە، ۋەزىپە، مۇقىملىق. مۇشۇنى باھانە قىلىپ، باشلىقلار ئۆزىنى كۆرسەتكىنى كۆرسەتكەن، خۇددى كىچىك بالىسىنى سوتلىغاندەك ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئاغزىدىن شالدام قويۇلۇپ كەتكۈچە تىللىغىنى تىللىغان.
ھۆكۈمەت ئېنىق پەرمان چىقىرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئەشۇ دەم ئېلىشقا تۈرلۈك ئاقماس باھانە- سەۋەب كۆرسىتىپ باھانە ئىزدەۋاتقان ئاتالمىش يەرلىك خاقانلىرىمىز، ئەمدى بۇ دەم ئېلىشنى كۆپەيتىش پىكىرىنى ئاڭلىسا چىدىيالماي قان سېيىۋېتەرمىكىن ھەقاچان (ماڭىغۇ بايرام دېگەن تولا ). |
|