«پالۋانتۇر»ناملىق چوڭ تىپتىكى سۈرەتلىك تارىخىي كىتاب
2-ئاينىڭ 28-كۈنى پالۋانتۇر بازىرىمىزدا «پالۋانتۇر» ناملىق چوڭ تىپتىكى سۈرەتلىك تارىخىي كىتابنى تۈزۈش ئالدىدىكى سەپەرۋەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قومۇل دىيارىمىزدىن چىققان تۆھپىكار يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر ئەكبەر غولام ھاجى ۋە ھەر ساھەلەردە خىزمەت قىلغان پىشقەدەم كادىرلار، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار قاتناشتى. يىغىنغا بازار باشلىقى ئارسىلان ئەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقىپ بازىرىمىزنىڭ تەرەققىيات جەريانى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەم كەلگۈسى پىلانلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشتۇرۇپ، پالۋانتۇر بازىرىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، جۇغراپىيلىك ئورنى، ئومۇمىي نوپۇسى، ئومۇمىي يەر كۆلىمى، دىننىي مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرى، ساياھەت بايلىقلىرى ھەم تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش شۇنداقلا كىيىنكى ئەۋلادلارغا قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ، مۇقىم، ئىناق، گۈزەل پالۋانتۇر قۇرۇشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، « پالۋانتۇر » ناملىق چوڭ تىپتىكى سۈرەتلىك كىتابنى تۈزۈشتەك ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك بۇ كىتابنى چىقىرىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى، رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە كىتابنىڭ تېز ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىردىغانلىقى توغرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈردى. پالۋانتۇر تارىختىن بۇيان يەرلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى، ئۆزىگە خاس مىللىي ،دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن ئېسىل يۇرت. خەلقى باتۇر، مېھماندوست، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك خۇشچاقچاق، سەنئەتخۇمار خەلق. شۇڭا بۇ كىتابنى چىقىرىش بازىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قوشقان زور تۆھپە بولۇپ قالغۇسى!
خەۋەر مەنبەسى:پالۋانتۇر بازارلىق ھۆكۆمەت تورى
|