- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35258
- نادىر
- 19
- يازما
- 1758
ئۆسۈش
  63.15%
|
tikan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 11:21 
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار
بولسا قۇمۇللۇق قرىنداش ...
پالۋانتۇر، قۇشقاچتۇر، قالغاچتۇر، چاشقانتۇر، ناغرىچىتۇر، چايچىتۇر، بۆزچىتۇر، تازتۇر، ئويمانتۇر، دۆشتۇر، دېھقانتۇر،بوچىتۇر،سايتۇر، قېقىرتۇر، چومەنتۇر، پادىچىتۇر، داشمانتۇر، يۇقىرىتۇر، تۆۋەنتۇر، بوياقتۇر،ئاپپاقتۇر، ئورۇستۇر...دەماللىقتا ئىسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلاركەن. بەزى تۇرلار شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ جەمەت لەقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەزىلىرى شۇ يەرلىكلەرنىڭ كەسپى يا يەر شەكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
قارادۆۋە- چوڭ دۆۋىلىك، ئۇلۇغ دۆڭلۈك دېگەن مەنىدە.
شەھەرئىچى- قومۇل ۋاڭلىقى زامانىسىدا شەھەر شۇيەردە بولغاچقا شەھەرئىچى دەپ ئاتىلاتتىكەن. ھازىر بىر يېزا بولۇپ قالدى. خەنزۇچە خۇيچېڭ دەپ ئاتىلىدۇ، مەنىسى ئۇيغۇربالىقتۇر.
پالۋانتۇر- پالۋان جەمەتىدىكىلەر ئولتۇراقلاشقان يۇرت بولغاچقا پالۋانتۇر دەپ ئاتالغان، بۇنى ماڭا بۇيىل 97 ياشقا كىرگەن پالۋان جەمەتىلىك بىر بوۋاي دەپ بەرگەنتى. |
|