قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: alsuyer

ئىلىم چېيى 8 - سان (فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى ھەققىدە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 23:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فارابى

    ئۇيغۇر ئالىمى، ئارستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر نامايەندىسى، بىر پۈتۈن ناتۇرالىستىك پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىنىڭ ئاساسچىسى، ئاتاقلىق لوگىك، ماتېماتىك، مۇزىكىشۇناس - ئەبۇ نەسىر فارابى، (تولۇق ئىسمى: ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبن ئۇزلۇق ئىبن تارخان) كاشغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فاراب - ئوترار - جەۋھەر شەھىرىنىڭ «ۋاسىچ» ھەربىي قەلئەسىدە، مانى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز - توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىتسېر ئائىلىسىدە مىلادىيەنىڭ 870 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 259 - يىلى) دۇنياغا كەلگەن. 893 - يىلى فارابى پۈتۈن ئائىلىسى مانى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 22 ياشلاردا بولسا كېرەك.
    فارابى 30 يېشىدىن ھالقىغاندا، 10 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەت ئوچىقى ھېسابلانغان باغداتقا كەتكەن. ئەرەب تىلىنى بىلمىگەچكە، باغدادتا ئەبۇبەكرى ئىبنى سىراجىددىندىن ئەرەب تىلىنى ئۈگىنىۋالدى (ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ۋاقىتتا پارس تىلىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن)، مەشھۇر خىرىستىيان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گرېك تىلى بىلەن لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى، كېيىن ھەرران شەھرىگە بىرىپ  ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى، ئەينى زاماندىكى ئاتاقلىق خىرستىيان ئالىمى، ئارستوتېل لوگىكىچىسى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىدتىن پەلسەپە، لوگىكا، نەزەرىيە تېبابەتچىلىكىنى ئۆگەندى.
    ئۆز دەۋرىنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ئالىمى، شەرق ئارستوتېلى، ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپتىدە غايەت زور شۆھرەت قازاندى. فارابى مىلادىيەنىڭ 950 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 339 - يىلى) ماھى رەجەب (دېكابىر) ئېيىدا سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتىنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «بابەس - سەغىر» ناملىق كىچىك سېپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. فارابى ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەرزەنتسىز ئىدى.
    تۆۋەندىكى 9 پارچە شېئىرى فارابىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئەرەبچە ۋە قىسمەن روسچە نۇسقىلىرىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇپتىكەن، مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم.


1
ئەي قېرىنداش، خالىي تۇر ھەمراھ ئەمەس ناھەق ساڭا.
ھەق - ئادالەتنىڭ قېشىدا سەن ماكان تۇت دائىما.
بۇ جاھان ساڭا تۇرار مەڭگۈ مەقام - جايمۇ ئەمەس،
زەربە قىسمەتتىن خالاس بولمايدۇ ھېكىممۇ يانا.
قالغۇسى مۆجىزە بولۇپ ئىخچام تەۋەرۈك سۆزلىرىڭ،
بەخىش ئېتىپ تۇرغاچ تىرەن مەزمۇن پاراسەتلىك ئاڭا.
بىپايان ئالەم ھامان مەشغۇلى ھەرىكەت ئۈستىدە،
تۇرىمىز ئوخشاپ پەقەت تامچە ۋە ياكى نۇقتىغا.


  2
    ھەم چېكىنگەن ھەمدە تەتۈر بۇ زامان دەۋرانىغا،
    سەن قىلىپ سۆھبەت يېتەلمەيسەن كۆڭۈل ئارمانىغا.
    بارچە ئەل باشلىقلىرىنىڭ باشلىرى قاتقان تۈگەل،
    ھەممە باشقا دەرد يېتىپ ئايلاندىمۇ سەۋدايىغا.
    ھاجىتىم بىلسەم ئۆزۈمنىڭ جانىغا راھەت كىرەك،
    نۇر چۈشۈپ تۇرماق ئۈچۈن مەندەك پىقىر ئالقانىغا.
    بىر نىدا كەلدى ماڭا ئىلكىمدىكى نۇر بەرقىدىن،
    زوق-ھوزۇرى ئوخشىغان مىسلى ساما جەۋلانىغا.
    يۇرتلىرى چۆللۇككە غەرق بولغان قەدىم ئەللەر ئارا،
     مېۋە تەرگەندەك قەدەم قويدۇم جاۋاھىر كانىغا.
                   3
    ئىككى شېشە جام بىلەن بولدى مېنىڭ ئۆمرۈم ئارا،
    ھەممىلا مەشغۇللۇغۇمنى تولدۇرۇپ قويغان ئاڭا.
    بىر قەدەھتە قاپقارا تۇرسا سىيايىم لىپمۇ لىق،
    ئۆزگىدە پەيۋەندە بولۇپ تۇرغان شارابىمدۇر يانا.
    بىرسىگە تولدۇرغىنىم گەر بولسا ھېكمەت گەۋھىرى،
    بىرسىدىن غەم-قايغۇنى يۇدۇم پۈتۈن قەلبىم ئارا.


     4
    يەتتە يۇلتۇز كائىناتتا مەنبەئى نۇر رەببىنا،
    مىسلى كۆكتە يەتتە دەريا تىزمىسىدەك دائىما.
    ھەر بىرى سەييارىنىڭ سىمائى بىر ئامىل ئۇنىڭ،
    ماددا- جەۋھەر خىسلىتى بىر ئەسلى ھەم جەمدۇر ئاڭا.
    ئەي، زۇھەل ھەم ئاتارۇپ ھەم مۇشتەرى شەيئىلىرى،
    مەن قىلۇرمەن ياخشىلىق ئىزلەپ ھامان سۆھبەت ساڭا.
                  5
    شەيئىلەر مەۋجۇتلۇقىدىن ھەم سەۋەبلىك كائىنات،
    ھەم سەۋەبلىكنىڭ تۈپەيلى ياخشىلىق ئۇندىن نىجات.
    يەر بىلەن بەھرى-دېڭىزلار تۇرىدۇ ھەمراھ بولۇپ،
    رەببىنا، ئاسمان-ساما مەركەزلىرىمۇ قاتمۇ -قات.
    قايدا سەن بولدى ماڭا نۇخسان- گۇناھ ئۈلپەت بۈگۈن،
    پەيزى- رەھمەت بەخىش ئېتىپ قىلغىن گۇناھىمدىن ئازات.
    رەببى- شەيئىم پاكلىغىن بولسا مەگەر مومكىن مېنى،
    ئاناسىر-ئۇنسۇرلىرىدىن قالمىسۇن جىسمىمدە دات.
   
  6
    بىر تۆۋەنلەشنىڭ بولۇر ئەۋجى ھامان،
    يوقىتىش بولغاي سوقۇشتا دائىمان.
    ئۆز خانەمنىڭ راھىتى ھاجەت ماڭا،
    مەن غورۇر ئۆز ئىززىتىمدىن دائىمان.
    ئىچكىنىم ئىلكىمدىكى شەربەت مېنىڭ،
    راھىتىمنىڭ شولىدا بەرقى ئايان.
    نۇر جۇلا شېشەمدە ئەكىس ئەتكەن نىدا،
    خوپ ھوزۇرلۇق ساز- ساماغا ئوخشىغان.
                  7
    چەكسىز زەخمەت-مۇلاقات سىز تەرەپتىن تەندە جان،
    سىنە- قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان.
    ئولتۇرالماسمەن ئىزىمدا قوزغىتىپ تۇرغاچ مېنى،
    زوق، ئۈمىد ئىككى سەۋەب دەل سىز تەرەپكە دائىمان.
    قوزغىلىپ چىقسام ئىزىمدىن سىزدىن ئۆزگە يوق ۋەتەن،
    يا ئىزىمغا قويغىلى يوق بىر بەدەل مەن ئوخشىغان.
    سىزدىن ئەبزەلرەك دىيار-ئەل گەر تەئەززىز قىلسىمۇ،
    ئىلكىگە قەلبىمنى ئالماق ئىشقا ئاشماس ھېچقاچان.
8
    قەسەم بىللا ھاياتلىقتىن بىزارمەن كۆڭۈلسىز ئەمدى،
    بەئەينى ئوق كەبى تەندىن چىقار جان ۋاقتى تېز ئەمدى.
    بەخىت باشلانسا يەتكەيلەر زاۋاللىققا بەختسىزلىك،
    تەبىئەت جىنسى بىز، ئۆز جىسمىمىزغا قايتقۇمىز ئەمدى.
                     9
    پىشمايىن سىرى ۋۇجۇدى خام قالدى ئالەم ئۆز پىتى،
    يا تېشىلمەي گۆھىرى ھەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.
    گەر ئەقىل يورۇق چېچىپ ھەر كىم ئاڭا مەنا ئېيتسىمۇ،
    ئەسلى چىن تەسۋىرىدىن كام قالدى ئالەم ئۆز پېتى.



تەڭرىتاغ تورى"بوغداي"ئىسىملىك تورداشنىڭ يوللانمىسى.


    مەنبە: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى».

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 00:09:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ


       لى ياكې

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسى


ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ( 950– 870 ) ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ، ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯩﻼﺗﻮﻧﯩﺰﻣﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ «ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ» ﺩﻩﭖﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ،ئاللاھ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ – ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ. ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻛﺪﯦﻨﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ (ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ) ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯘﺭ. ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ئاللاھقا ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ئاللاھنىڭ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻳﺪﯗ:
1. ئاللاھنىڭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰﺩﯗﺭ، ﺋﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاللاھ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺰ، ﺷﻪﻛﯩﻠﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺷﻪﻛﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼھﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻦﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
2. ئاللاھ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ. «ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ئاللاھ ﻛﯚﭖ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ». ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺷﯘﻛﻰ، ئاللاھ
ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ.
3. ئاللاھ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ. ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺑﯩﻠﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ئاللاھﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﺎﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ئاللاھنى ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ، ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯜﭼﻰ «ئاللاھتا
ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻧﻪ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ»، «ﺑﯩﺮﻻ» ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ، ﻫﯧﻜﯩﻢ ﯞﻩ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰﻳﻪﻧﯩﻼ ئاللاھتا ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاللاھ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯘﺭ.
4. «ئاللاھ مەۋجۇدتۇر». ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ئاللاھنىڭ
ﺋﯚﺯﻯ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺟﯧﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ئاللاھﻧﯩﯔ مەۋجۇتلۇقى
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﯩﺪﺍ. ﺷﯘﯕﺎ ئاللاھنىڭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﺎﻣﯘ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﻫﻪﻛﯩﻢ، ﻗﺎﺩﯨﺮ، ﺋﯩﮕﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ئاللاھنى ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻪﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺭﯦﺌﺎﻝ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻳﺪﯗ: ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡﺑﻪﺵ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻨﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻮﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕﭘﺎﺭﭼﻪ - ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻫﺎﻟﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻙ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻪﯞﻩﺏ - ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ، ﺋﯘ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻨﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئاللاھنىڭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯜﻛﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻧﺘﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﺏ - ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ مۇقەددەس كالامى
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ»ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ئاللاھنىڭ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ، ئاللاھنىڭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸىدۇ ﻫﻪﻣﺪﻩ ئاللاھنىڭ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ، ﺳﺎﭖ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩۇ.
ئاللاھ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯗﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﯜﻧﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؟ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﻯ «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ»ﮔﻪﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ «ئاللاھ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﺪﯗﺭ. ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻨﻰﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﯨﻼﺳﯘﻳﯩﺌﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﻪﺭﻫﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﺭﺳﻪ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ئاللاھ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻠﯩﻖ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﭘﺎﺳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺴﯩﺰ ﭘﺎﺳﯩﻞ (ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎ)ﻏﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼھنىڭ
ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘﻗﺎﺭﺷﯩﺪﯗﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯘﻧﯩﯔﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺗﻪﻧﻬﺎ «ﺑﯩﺮ»ﺩﯨﻦ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ «ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻰ» ئاللاھ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ، ﺧﺎﻻﺱ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ئاللاھنىڭ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ئاللاھنىڭ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻚ ئاللاھتىن ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ئاللاھنى ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻫﻪﻡ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھنى ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻝ 2 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 3- ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. 3 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 4 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﺳﺎﺗﯘﺭﯗﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 4 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 5 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩﻳﻮﭘﯩﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 5 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 6 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﻣﺎﺭﯨﺲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 6 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 7 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 7 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 8 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﯞﯦﻨﯧﺮﺍﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 8 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 9 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﻣﯧﺮﻛﯘﺭﯨﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 9 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 10 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ، ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ئاللاھ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ 2 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. 10 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ تادۇ (ﺳﯘ، ﻫﺎﯞﺍ، ﺋﻮﺕ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ)ﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ». ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎﺗﻪﯞﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﺭﻭﻫ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ 3 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮىلىدۇ. ﺭﻭﻫ 4 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺷﻪﻛﯩﻞ 5 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ، ﻣﺎﺩﺩﺍ 6 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔﺭﻭﻫ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯜﭺ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ئاللاھ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻤﯘﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺭﻭﻫ، ﺷﻪﻛﯩﻞ ﯞﻩﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯧﺰﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ، ﻣﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﯞﻩ ﺗﯚﺕ تادۇدىن
ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕﺋﺎﻟﺘﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ، ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻰﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﭘﺎﺳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﭗ، 12 ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﻟﻪﻡﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﮕﻪﻡ – ئاللاھ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﯩﺪﯨﻦﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﮔﯜﺯﻩﻝﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﮕﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ئاللاھ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﻯﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئاللاھنى ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯩﺪﯦﺌﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ.


   [خەنزۇچە «ئەرەب دۇنياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 2-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىسى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 4-سانىغا بېسىلغان]
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=56&TopicID=4542


  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

4

دوست

5496

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1555
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 00:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 02:26  
bilkan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 23:16
سىفەن داشۆدىكى ماگستىېر دوستۇمدىن ئاڭلشىمچە، ئىلىم چې ...

بىلكان ئەپەندى،ھېلىقى < سەل تومتاق بولۇپ قاپتۇ.>دېگەن ئىنكاسقا قارىغاندا تەنقىدلەپ بولسىمۇ قويۇپسىز،مەن ئۇ ئىنكاسنى  چاقچاق يوسۇندا ئىنكاس يازغان بولساممۇ كۆڭلۈمدە لىكسىيە دېگەن خالىس بولمامدۇ؟دەپ ئويلىدىم. ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىشتىن تارتىنىپ ھاياتنىڭ تارتىش كۈچى____ ئاياللار بولسا كېرەك.  (ئاياللار بايرىمىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا)،بىلەتنى ئالدىن زاكاس قىلساق بولامدۇ؟دەپلا ئىنكاس يېزىپ قويدۇم.بىلگەنلەر بۇ ئىنكاسىمدىن نارازلىقنى ھېس قىلار دەپ ئويلايمەن.بىلمگەنلەر تومتاق جاۋابكەن دېگەندەك. ئۇ ئىنكاسنىڭ  ئەخلەت ئىكەنلىكىنى سىز بايقاپ قاپىسز .ئەمدى ئۇنى چۈشەندۇرۇۋىتەي:
بەلكىم بۇنداق دېسەك،ناخشا كېچلىكىگە يۈز يۈەنلەپ پۇل خەجلەپ كۆرمىزغۇ ؟ئىلىم ئۈچۈن پۇل خەجلىسەك خاتامۇ دەپ بىرمۇنچە كايىپ كېتسلەر.لىكىن ماڭا شۇ ئىنكاسنى كۆرگەن چاغدا بىر خىل تۇيۇلۇپ كەتتى. ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە باشقىلار لىكسيە سۆزلەيدىكە دېگەندىمۇ بىلەتنىڭ گېپنى ئاڭلاپ باقمىغانتىم. ئۈنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قېتىم داڭلىق تىلىۋزىيە رىياسەتچىمىز ئۈمىد غەنى ،لىكىسيە سۆزلەپتۇ .بۇنىڭغا دەسلەپ ئىشەنگۈم كەلمىگەن كېيىن قارىسام راستلا مۇنبەرگە چىقىپ چوڭ چوڭ تېملاردا لىكسيە سۆزلەپتۇ. كۆپ ئوقۇمغان بولسمۇ  خىزمەت جەريانىدا كۆپ ئاڭلىغان ئادەملەر سۆزلسە سۆزلگەندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. ئۇمۇ شۇ بىلەتلىك ئوخشايدۇ. لىكىن بىلەت باھاسى قانچە بولدىكىن ئۇنى  تازا بىلمەيمەن.
ئەمما زۇلپىقار بارات ئۆزباش  بولسا ئامىرىكا ھاۋايدا ئوقۇغان زىيالى ، ئۇنىڭ لىكسيسنى ئاڭلاشقا كۆپ ئادەملەر قىزىقىدۇ.  ئەگەرئېلان ئىنكاستىكى ماسلاشتۇرغۇچى ئېيتقاندەك  لىكسىيە قاتنشىشى ئۈچۈن بىلەت سېتىۋىلىشقا توغرا كەلسە ئۇنىۋرسىتتا ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئۇۋال بولمامدۇ؟چۈنكى بۇنداق لىكسيەلەرگە يەنىلا ئىلىم پەن بىلەن شۇغۇللندىغانلار ياشلار كۆپرەك ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدۇ.سودىگەرلەر ياكى چوڭ كادىرلارنىڭ بۇلارغا نەدى ۋاقتى بولسۇن ؟ئۇلارنىڭ ئىدىيە بىلەن خوشى يوق،كۆز قاراشلارغا ھەم ئىشەنمەيدۇ.كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرەلەيدۇ. ئىشىپ كەتسە بىرەر جۈملە ماختاپ قويىدۇ خالاس. شۇڭا بۇ قېتملىق لىكسىينى ئەشۇ ئىلمگە تەشنا بالىلار ئۈچۈن  بولسىمۇ  خالىس قىلسا بولمامدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ لىكسيسگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەگەر سورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن خېلى جىق پۇل كېتىدىغان ئىش بولسا ئۇنداقتا مەن خاتا چۈشەنگەن بولىمەن.
ئەھۋالنى بىلمىگەچكە خاتالاشقان بولسام ئەپۇ قىلىشالا

1

تېما

0

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 628
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 03:56:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 09:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 00:58
بىلكان ئەپەندى،ھېلىقى < سەل تومتاق بولۇپ قاپتۇ.>دېگەن  ...

بىكاغا ئىش يوق،توخۇدا چىش يوق

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 09:48:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 00:58
بىلكان ئەپەندى،ھېلىقى < سەل تومتاق بولۇپ قاپتۇ.>دېگەن  ...

نومنى بىكاغا بەسەك كېيىنكى ئەۋلادلا ئاش قالمامدۇ؟؟؟
23#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

538

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17005
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 13:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلپۇندا كۆرەي دىگەن يۇ كۇ ئەسلى ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىزمۇ بۇلاركەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )