ئۆلگەن ئادەم قايتا تىرىلدى.
تاشپولات روزى
ئۆلگەنلىكى توغرىلىق ئىسپات بېرىلگەن ئامېرىكالىق بىر ئەر كىشى، دەپنە مۇراسىم ئۆيىگە ئاپىرىلىپ، چىرىمەس خالتا ئىچىدىن چىقىرىش ئالدىدا، تۇيۇقسىز مىدىرلاپ كۆزىنى ئاشقان. بۇ خەۋەر ئامېرىكادىكى ئاخبارات ساھەسىدە كەڭ تارقىلىپ خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ.
بۇ كىشىنىڭ ئىسمى Walter Williams بولۇپ بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن ئىكەن. مۇشۇ چارشەنبە كۈنى دوختۇر بۇ كىشىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنۇڭ يۈرىكىنىڭ توختاپ ئۆلگەنلىك توغرىلىق ئىسپات خاتىرىسى بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىنى چىرىماس خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىنىپ mississipi شتاتىدىكى دەپنە مۇراسىم ئۆيىگە يۆتكەپتۇ. بۇ جەريانىدا نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، دەپنە ئۆيىدىكى خىزمەتچىلەر ئۇنۇڭ جەسىتىنى قاچىلانغان خالتىدىن چىقىرىش ئالدىدا ئۇ مىدىرلاپتۇ كۆزىنى ئېچىپتۇ.
ئۇ كىشىنىڭ قىزىنىڭ دېيىشىچە دادىسى ھازىر ئازراق سۆزلەيدىكەن بىراق يەنىلا بەدىنى ئاجىز ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ ئائىلىسى بۇ ئىشتىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ، تەڭرىگە مىڭ رەھمەت ئېيتتى.
يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://abcnews.go.com/blogs/heal ... kes-up-in-body-bag/
|