- تىزىملاتقان
- 2012-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8810
- نادىر
- 0
- يازما
- 717
ئۆسۈش
  76.2%
|
ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 22:32 
بۇنداق ئىشلار بولغانكەن، يەرلىككە قۇيۇلۇپ بولغاندىن ...
ئۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ ئاڭلىغان. 90 -يىللاردا كۇچادا بىر خەن ئايال ئۇيقۇ دورىسىنى جىق يەۋېلىپ ئىككى سوتكا ئورنىدىن تۇرالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ بىر مۇنچە بايلىق بىلەن گۈەنسەيگە سېلىپلا كۆمۈۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۈچ ئۇيغۇر يىگىت باي بولۇش تەمەسىدە كېچىسى كېلىپ ھېلىقى قەبرىنى ئېچىپتۇ. قورقۇنچلۇق ئىش دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىپتۇ. ھېلىقى ئايال ئويغىنىپ ئوڭدىسىغا ياتقىنىچە گۈەنسەينى تاتىلاۋېرىپ قول بارماقلىرى پۈتۈنلەي قانغا بويىلىپ كېتىپتىكەن، ھېلىقى بالىلار گۈەنسەينىڭ ئاغزىنى ئېچىشى بىلەن تەڭلا قان قوللىرى بىلەن چىرقىرىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن بالىلارنىڭ بىرسى شۇ ھامان يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلۈپتۇ. قالغان ئىككىسى قورققىنىچە قېچىپتۇ...
ئۇ ئايال كېيىن ئۆزى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان مال -دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئۆلگەن بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە، قالغان يېرىمىنى ھېلىقى ئىككى بالىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئايال بەك باي بولسا كېرەك، ھېلىقى ئىككى بالا شۇ يىللاردىمۇ ھەر بىرى يۈز نەچچە مىڭنىڭ ئىگىسى بوپقاپتىكەنمىش. |
|