- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11410
- نادىر
- 0
- يازما
- 594
ئۆسۈش
3.53%
|
ئازماس ئاللاھ دېگەن سۆزنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئابدۇقادىر جالالىدىن ياخشى ئەاسەرلەرنى يېزىپ ، بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى .مەن ئۇنىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا »دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغان . باشقا ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقماپتىمەن . باشقىلارنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى كۆرۇش بىلەن بىرگە گۇڭـگا تەرەپلىرىنىڭ بولىدىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلىش مېنىڭچە ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك . ئەدىپلىرىمىزنى ھۆرمەتلەش ، ئۇلارنى بېشىمىزدا كۆتۇرۇش ئەلۋەتتە بولىدۇ . لېكىن 100% ئاق ياكى قارا دېيىش مېنىڭچە ئاقمايدۇ . سىزگە قارشى پىكىر بەرسە ،تىللاپ ئاقچى ،كۆكچى دەپ دەسسەپ تۇپتۇز قىلىۋەتمەي ،ئۆزئارا ئىززەت -ھۆرمەت قىلىشقان ئاساستا پاكىت كۆرسۇتۇپ مۇنازىرە قىلىشساق ، ئورتاق ئىلگىرلەش دېگەن شۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ بىلمىگەنلەر سورىسا ، بىلگەنلەر سۆزلەپ باقسا بولىدۇغۇ . بارچە گۇللەر تەكشى ئېچىلىش ، ھەممە ئېقىملار بەس -بەستە سايراش دېگەندەك .
بۇنىڭلىق بىلەن ئابدۇقادىر جالالادىننى گۇڭگە تەرەپلىرى ئۈچۈن 100% قارا دىگۇچىلار ئۆزى ياخشى تەربىيە ئېلىپ قالسا ،كۆزىنى ئېچىۋالسا ، ياخشىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى
ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟ 100% ياخشى ياكى ئۇلۇغ دېگۇچىلەرمۇ ئازماس ئاللاھ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئەسلەپ قالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ھەرقانداق بىر ئىشقا مۇئامىلە قىلىشتا سالماق ، ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالايلى تورداشلار ! |
|