- تىزىملاتقان
- 2011-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7449
- نادىر
- 0
- يازما
- 416
ئۆسۈش
  48.98%
|
ھاراق !
كومپارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن زىيالىلىق كوچىسىغا كىرگەن كىشىلەرنىىڭ ئىچىدە ھاراق ئىچىپ باقمىغىنى قانچىلىكتۇ؟
سەل ئەمەلىي بولايلى. كېچە-كۈندۈز ئىستىقامەتتە بولغان كىشىلەرمۇ تالا-تۈزگە چىقىپ جاھانكى ئىشلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقسۇن، ئاللانىڭ زىمىنىدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ باقسۇن.
كۆپچىلىكىمىز ئۇنداق ياكى بۇنداق بولمىغۇر ئىشلاردىن ساقلىنالمىدۇق، ساقلىنالمىغان. لېكىن، ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بار!
مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىسلامنى دەۋەت قىلغۇچە بولغان نەچچە ئەسىرلىك جەرياندا قۇرەيىشلەرنىڭ ھەممىسىلا ‹كۇپپار›لىق كوچىسىدا يۈرەتتى. ئۇلارمۇ كېيىن ئۆزگەرگەن، مۇسۇلمان بولغان. ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ھەدەپ تىللاپ يۈرگىنىنى، چەتكە قاققىنىنى بىلمەيمىز. ياخشىلارنىڭ سېپى كوچىلاش، ھەددىدىن ئېشىپ ئەيىپلەش، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن، چاۋىسىنى چىتقا يېيىش... بىلەن ئۇلغايمايدۇ.
ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بىلەن ئاياقلاشقان. بىز-باشقا كىشىلەر ئانچە-مۇنچە خاتالىشىپ قالىمىز. مۇھىمى، خاتالىشىشتىن ساقلىنىش، خاتالاشماسلىققا تىرىشىش.
ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن شۇنداق قىلىش زۆرۈرمۇ-يوق، ئويلىنىپ باققۇلۇق. ئۇنى بۇت ياكى ئەۋلىيا بولسا بولاتتى، دىمەڭلار. ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئىچىدە ھۆرمەتلەشكە تېگشلىكلىرىدىن.
|
|