- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2061
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
  2.03%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تاشپولات ئاكا:
ئالدى بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەرگە تېنچ-ئامانلىق تىلەيمەن.
ئانا-تىلىنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.
ئەگەر ھەر بىر كىشىدە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش ئېڭى بالدۇرراق يېتىلگەن بولسىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىلىمىزنى قوغداش توغرۇلۇق بۇنچە كۆپ تەشەببۇسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھاجەتسىز ئىدى. بەزى كىشىلىرىمىزدىكى مەسئۇليەتسىزلىك قارىشىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئەۋلاتلىرىمىزدا ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە سەل قاراش پوزىتسىيەسى شەكىللىنىپ، تۈزەتمىسەك بولمايدىغان ھالغا يېتىپ قالدى. سىزگە ئوخشاش ئەلسۈيەرلىرىمىزنىڭ ئەجرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئەقلى ئويغاق ياشلىرىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ خىل ئانا تىلغا سەل قاراش پوزىتسىيەرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە، ياخشىلىنىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىۋاتقان بارلىق تورداشلاردىن تولىمۇ سۈيۈندۈم. ئىنكاسلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىملا خاتالىقىدىن ئەسەرمۇ يوق. باشقا تورداشلارنىڭمۇ ھەر بىر يازما، ئىنكاسىدا يېزىقىمىزنى توغرا ئىپادە قىلىشىنى چىن-دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. |
|