- تىزىملاتقان
- 2012-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8829
- نادىر
- 0
- يازما
- 718
ئۆسۈش
  76.58%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alkanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-13 15:37
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ يازمىڭىزدىنمۇ سەمىمىيەت تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. تولىمۇ خۇش بولدۇم. نازاكەت دېگەن ئىسمىڭىز بەكلا يارىشىپتۇ.
مېنىڭچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېڭى بىر قېتىملىق ئەقلى ئويغىنىش ياكى قۇدرەت تېپىش دەۋرىگە كىرىپ بولدى. دىنىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە! سىز نەق مۇشۇنداق بىر تارىخى پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىۋاتىسىز. شۇڭا پىكرىڭىزنى چالغىتىدىغان، چوڭقۇر تەئەججۈپكە سالىدىغان بەزى ۋەقە ۋە كۆز - قاراشلارغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋاللار بوپقالسا سوغۇققان بولۇشىڭىزنى، باغداشتىكى بىزدەك دوستلىرىڭىزنىڭ سەمىمىيىتىنى ئېسىڭىزگە ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|