- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1209
- نادىر
- 0
- يازما
- 62
ئۆسۈش
  20.9%
|
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەپ قويىدىغان بولدۇم، كەچۈرۈڭلار. مەن ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلىۋى بويىچە بىر نەچچە مىنكاۋخەنلەرنىڭ ساۋادىنى چىقىرۋاتاتتىم، ئۇلار خەت ئوقۇپ، يېزىۋاتقان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا تۇختىماي خەنزۇچە سۆزلەيدىكەن. بىرنەچچىسىنىڭ تىلى شۇنچىلىك قاتتىق ئىكەنكى، بەزى سۆزلەرنى قىينىلىپ تەلەپپۇزمۇ قىلالمايدۇ، مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بەكمۇ، بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، قىسقىسى شۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بەكمۇ خاپا بولدۇم. بۇلارنىڭ تىلى نىمە ئۈچۈن شۇنچىلىك قاتتىق؟ چۈنكى، ئۇلار ئۆيدىمۇ داۋاملىق خەنزۇچە سۆزلەيدۇ، بۇنىڭغا ئاتا-ئانىسى قىلچە كۆڭۈل بولمەيدۇ دېگەن گەپ. مەن شۇ ئاتا ئانىلارغا شۇنداق دېگىم كېلىدۇ، سىلەر پەرزەنتىڭلارنى خەنزۇچە سىنىپقا بەرگەننىڭ ئۈستىگە ئۆيدىمۇ خەنزۇچە سۆزلىشىشىگە ھەمتاياق بولۇپ، بالىلىرىڭلارنى زادى نېمە قىلماقچى؟ سىلەر پەرزەنتىڭلارنىڭ كېيىنلىكىگە يۈز كىلەلەمسىلەر؟ ئۆز ئانا تىلىدا مەقسىدىنى تۇغرا ئىپادىلىيەلمەيۋاتقان بۇ بالىلارغا قانداق مەسئول بولىسىلەر؟ |
|