- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1945
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
  94.5%
|
بۇ تىمىغا ھىچقانداق تالاش تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق.ھەم ئويلاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ.ئەگەر جەننەت دوزاق توغۇرلۇق گەپ چىقىپ قالسا مانا بىزنىڭ تاپىنىمىزنىڭ تىگى جەننەتتىن دوزاققا ئايلىنىۋاتىدۇ.بۇ بىر ھەقىقەت.ئانداق مۆجۈزە مانداق مۆجۈزە دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت ۋە پەقەت بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بىكىنمە سەپسەتىسى ۋە مۇسۇلمان خەلىقىنى تىخىمۇ بىكىنمە ۋە تىخىمۇ نادان قالدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تاكتىكىسى. پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسى ئۇرۇش ۋە كەمبىغەلچىلىك،ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىدا نىفىت، بۇنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمان دۇنيادىسىكى بارلىق كىشىلەر شەكىلۋازلىققا بەك بىرىپ ئاللاھنىڭ قۇرئاندىن قالسا يەنە بىر موھىم كىتابى ئىلىم مەرىپەتنى تاشلىۋەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى .ئىنسان ھاياتلا بولسا جەننەت دوزاقنى ئۆزى يارىتالايدۇ.جانابى ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان جەننەت دوزىقىغا پەقەتلا روھىمىز بارالايدۇ،جىسمىمىز ئەمەس.ئەگەر جانابى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا بويۇن قىسىپ قالمايلى دىسەڭلار مەرىپەت ئىگەللەڭلار،ياشىغان ماكانىڭلارغا،ئائىلەڭلەرغا ،مالدۇنيارىڭلارغا،دوسىت بۇرادەر قەۋىملىرىڭلارغا، خوتۇن قىزلىرىڭلارغا مەسئۇل بولۇڭلار .دەل شۇ چاغدا ئاللاھنىڭ قۇرئان ئارقىلىق بىزگە ئۇچۇر بەرگەن ،ۋە ۋەدە قىلغان جەننەتكە يىتەلەيمىز،بوينىمىزمۇ قىسىلىپ قالمايدۇ.بۇدۇنيادا خار ياشاپ ئۇدۇنيادا ھالاۋەت كۆرىمەن دىگۈچىلەرگە جانابى ئاللاھ ئۆزھىممىتىدىن بەھرىمان قىلمايدۇ.چۈنكى جانابى ئاللاھ نىڭ بۇ توغۇرلۇق ئۇچۇرلىرى قۇرئاننى تەپسىلى ۋە چۈشىنىپ ئوقىساڭلار چىقىدۇ. |
|