- تىزىملاتقان
- 2011-8-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9958
- نادىر
- 0
- يازما
- 278
ئۆسۈش
  99.16%
|
دەۋزاق ئازابى توغرىسىدا.........
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ﷲ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.(سۈرە تەھرىم 6-ئايەت)
ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ﷲ نىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن)ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(165) . سۈرە نىسائ 165-ئايەت.
ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ.(22)ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە-ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ.(23))اﷲ تائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، اﷲ غا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ) .(24)(25)(26)ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چۇڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» (دەيدۇ) .(27)اﷲ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ.(28)(29)ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ ؟ » دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ» دەيدۇ.(30). 50-سۈرە 22-23-24-25-26-27-28-29-30-ئايەتلەر.
جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.(21)جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر.(22)ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ.(23)ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ.(24)ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.(25)بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر.(26)چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى(27)ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى.(28)ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز.(29)(ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز».(30)- (سۈرە نەبە 21-22-23-24-25-26-27-28-29-30-ئايەتلەر).
كاپىرلار جەھەننەمگە توپ- توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟ » دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.(سۈرە زۇمەر 71-ئايەت)
شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال-مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ﷲ نىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ.(سۈرە ئەنفال 36-ئايەت)
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى(قۇرئاننى-ئىسلام يۇلىنى) ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [56].[ سۈرە نىسا56-ئايەت]
ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ(كاپىرلارنىڭ) بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ . (سۈرە غافىر 71 - ئايەت)
(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ. (سۈرە دۇخان 47 - ئايەت)
(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار ﷲ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس ـ مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر ﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار ﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ (سۈرە ھەج 19 - ئايەت)
ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!(51). چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر(52). ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر(53). ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر(54).
(ۋاقىئە سۈرىسى 51-52-53-54-ئايەتلەر)
ئۇنىڭ(كاپىرنىڭ) ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ. (ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورىشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(سۈرە ئىبراھىم 16-17-ئايەتلەر)
ﷲ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. (سۈرە تەۋبە 68 - ئايەت)
كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.(36)ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (اﷲ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز- نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز- نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق».(37). سۈرە فاتىر 36-37-ئايەتلەر.
ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز .(سۈرە مەريەم 72-ئايەت)
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئادەم بالىلىرى يېقىۋاتقان سىلەرنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ئوتۇڭلار، جەھەننەم ئوتىنىڭ 70 پارچىسىنىڭ بىر پارىسىدۇر، 70دىن بىرىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، ئەگەر مۇشۇ ئوت بولسىمۇ ئەلۋەتتە يېتەرلىك، كۇپايە ئىدى دىيىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ھەقىقەتەن دوۋزاخ ئوتى بۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە 69 ھەسسە ئارتۇق قىلىندى. ئاشۇ 69 پارچىنىڭ ھەممىسى، ھەر بىرسى مۇشۇ ئوتنىڭ قىززىق ھارارىتىدەك ھارارەتلىكتۇر. بۇخارى،مۇسلىم، ئەھمەد، بەيھەقى، تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى دوۋزاخ ئەھلىنىڭ ئازابى ئەڭ يەڭگىلرەكى ئەبۇتالىپتۇر، ئۇنىڭغا ئوتتىن ئىككى ئاياق كەيدۇرلىدۇ، شۇ ئىككى ئاياغنىڭ قىززىقلىقىدىن، خۇددى قازان قاينىغاندەك، ئۇنىڭ دىمىغى، مېڭىسى قاينايدۇ،-بۇخارى توپلىغان.
....... |
|