قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4189|ئىنكاس: 49

مۇنداقمۇ سىياسەت باركەن !(مىللىي كارخانا ،باغ ،قوتان توغۇرلۇق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

1077

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21762
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 15:56:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      
                    مۇنداقمۇ سىياسەت باركەن !(مىللىي كارخانا ،باغ ،قوتان توغۇرلۇق)



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!
     نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم. بۈگۈن كىرمىسەم بولمايدىغان يەرگە يېتىپتۇ. چۈنكى بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىز دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيدىكەن.
      كارخانا قۇرماقچى بولغانلار چوقۇم شەخسىي نامىدا ئەمەس بەلكى رەسمىي شىركەت نامىدا قۇرسا ، قانونىي ۋەكىلى بار بولسا ، ئادەتتە تاشقى سودا شىركەتلىرى سودا ئىدارىسى ۋە چىگرا رايون سودىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان چەتئەلدىكى سودا يەرمەنكىلىرىگە ئاكتىىپ ھالدا ئۆز تاۋارلىرىنى قاتناشتۇرۇپ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، توردا ۋە يازمىچە دوكلات يېزىپ، يۇقىرىدىكى رەھبەرلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزسە، كۆرگەزمە ئورۇن ھەققىنىڭ 50%ىنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان خادىملارنىڭ كاماندىروپكا خىراجىتىنىڭ 70%ىنى ئاتچوت قىلىدۇ . تەشۋىقات ئېلانلىرىنى ئىشلىسىڭىز ، بۇ چىقىملىرىڭىزنىمۇ پىرسىەنتلەشتۈرۈپ ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ . بۇلارنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى يۇقىرى رەھبەرلىك توردا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.  سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاتچوت قىلىنغان پۇلنى ، سىزنىڭ بانكا ھېساباتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىدۇ.
    بەزىبىر تاشقى سودا ۋە ئىچكى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر بۇنداق ئىلتىماسلارنى بىلمەيدىكەن.مەن بۇرۇن تېلۋىزۇرلاردا ۋە يوللاردىكى تاختايلاردا ، كوچا ئابتۇبۇسلىرىدىكى ئېلانلارنى كۆرۈپ بۇنچىۋالا ئېلانلارغا كېتەرلىك راسخوتلارنى بۇ كارخانىلار نەدىن تاپىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. كېيىن بىلسەم بۇلارغا مۇشۇ چىقىملىرىنى دۆلەت خەزىنىسىدىن  پىرسەنتلەشتۈرۈپ ئاتچوت قىلىپ بېرىدىكەن.
    ئەمدى باغ بەرپا قىلغانلارغا كەلسەك بۇلارغىمۇ يۇقىرىنىڭ يۆلەش سىياسىتى بار ئىكەن . سىز بىرلا ئورۇندىن300مودىن ئارتۇق باغ كۆتىرىگە ئالغان بولسىڭىز ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىۋى قۇرسىڭىز ، سىزگىمۇ مۇناسىۋەتلىك  ئىدارە -ئورگانلار  يوللىغان ئىلتىماسىڭىزغا ئاساسەن يۇقىرىدىن چۈشكەن يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايسىز.
      قوتان سالماقچى بولغانلار ، كۆلىمى 1000كىۋادىرات مېتېردىن ئاشسا، بىر كىۋادىرات مېتېر قۇرۇلۇشقا 350يۈەندىن ياردەم پۇلى بار ئىكەن، مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا ئاقسۇنىڭ قۇمباش يېزىسىدا ،مۇشۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى قوتانلارغا بىراقلا 500يۈزمىڭ يۇەن پۇل چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ.
    يۇقارقىدەك دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسەتلىرىدىن باشقا يەنە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىنمۇ بېرىدىغان  ياردەم خىراجەتلىرى بار ئىكەن.
مەن بۇرۇن شىركەت دېسىلا تېلۋىزۇرلاردىكىدەك كاتتا شىركەتلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم . ئەمما ئۆزەم شىركەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزنىڭ بىزنىڭ بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلىرىمىز ھەقىقەتەن دۆلەتنىڭ ياخشى  سىياسەتلىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
    يەنە تېخى ياغ زاۋۇتى ، ئۇن زاۋۇتى دېگەندەك نۇرغۇنلىغان زاۋۇت كارخانىلارنى كۆردۈم .كۆپ ساندىكىلىرى نەچچە يۇزمىڭ يۇەن بىلەن قۇرۇلغان بولسا، ئازساندىكىلىرى 5-6 مىليۇن ،ھەتتا 10نەچچە مىليۇن خەجلەپ قۇرغان زاۋۇتلار ئىكەن . ئەمما بۇزاۋۇتلار دۆلەتنىڭ يۆلەش -ياردەم بېرىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.سەۋەبى بۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىگە قارىساق شەخسىي نامدا ئىكەن. بۇلار نېمىشقا شىركەت نامىدا قۇرمايدۇ؟ چۈنكى بۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن.
    مۇشۇنداق مىليۇنلاپ مەبلەغ سېلىپ شەخسىي نامدا  كارخانا قۇرۇۋاتقانلاردىن شۇنى سوراپ باققۇم كەلدى، سىلەرنىڭ راستتىلا بۇ سىياسەتتىن خەۋىرىڭلار يوقمۇ؟
    ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، سىز بىر ئۇن-ياغ زاۋۇتى قۇرماقچى بولسىڭىز ، ئالدى بىلەن يەر خېتىنى ھەل قىلىپ، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، ئاندىن قۇرۇلۇش باشلىسىڭىز بولىدۇ، ئۇنتۇپ قالماڭ، قۇم،تاش،سىمۇنت،خىش،ئىش ھەققى دېگەنلەرگە دۆلەت ئېتىراپ قىلغان تالون كەستۈرۈشنى. ئاندىن سېتىۋالغان زاۋۇت- ئۈسكۈنىلىرىڭىزگە تالون ئېلىۋېلىڭ.ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش دېگەندەك مۇشۇ ئىشلار بىلەن بىر ۋاقىتتا زاۋۇتىڭىزنى شەخسىي نامدا ئەمەس ، بەلكى شىركەت نامىدا ئەنگە ئالدۇرىسىز.  ئاندىن مۇشۇ قەدەم يوللار بىلەن شىركىتىڭىز قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىغا توردا ۋە يازمىچە دوكلات يوللىسىڭىز بولىدۇ.
    مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ ،كۆرگەن - بىلگەنلىرىمنى يازدىم. قالغان چالا قالغان قىسىملىرىنى ئىنكاس ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ.مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتلەردىن خەۋىرى بارلار، ئۆزۈڭلارنىڭ بىلگەن كۆرگەنلىرىڭلارنى مۇنبەر ئەھلىدىن ئايىمىغايسىلەر.

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 14:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەم ئىزلىرىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي، خانىم!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

557

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5121
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 117
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 15:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارخانىنى شىركەت نامىدا تىزىملىتىش دىگەن قانداق ئاتالغۇ ، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەر چوقۇم مەبلەغ سالغۇچى شەخىس نامىدا بولىدىغاندۇ؟  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز

0

تېما

0

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24587
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 16:00:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزىڭ تاغاشنىڭ كارخانىسى بارتۇ، ئەمما خىزمەتچى تىپىپ بىرىشتىن باشقا ئىشنى قىپ بەگەننى كورۈنمەيتتۇ

2

تېما

1

دوست

1077

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21762
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 16:54:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahsaar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 15:49
كارخانىنى شىركەت نامىدا تىزىملىتىش دىگەن قانداق ئاتال ...

شەخىسلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئىسمى يەككە سودا سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بولىدۇ .
ئەمما شىركەتنىڭ بولسا كارخانا تىپىدىكى قانونىي ئىگىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى دېگەن نامدا بېجىرىلىدۇ .
ئالدىنقىسىدا تىجارەتچىنىڭ ئىسمى دەپ بولىدۇ، كېيىنكىسىدە قانونىي ۋەكىلنىڭ ئىسىم فامىلىسى دەپ بولىدۇ.
ئالدىنقىسىدا تەشكىلى شەكلى يەككە تىجارەت ، كېيىنكىسىدە شىركەت تىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دەپ بولىدۇ .
ئالدىنقىسىنى بۈگۈن ئېچىپ ئەتىسىلا تاقىۋەتكىلى بولىدۇ، كېيىنكىسىدە قانونىي تەرتىپ بويىچە تاقايدۇ.

0

تېما

0

دوست

3787

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8206
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 17:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ياردەم بېرىدىغان ئشنى مەنمۇ ئاڭلىغان. تىجارەتچىلەر سۇرۇشتۇرۇپ پايدىلانسا بولغۇدەك.

0

تېما

1

دوست

785

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19937
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 19:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازما ناھايتى ياخشى بولۇپتۇ،ئەمما شىركەت نامىدا بولغان كارخانىنى خۇسۇسىي نامدىكىدەك خالىغانچە باشقۇرالمايسىز،خالىغانچە چىقىم قىلالمايسىز،خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بەلكى تۈرمىگە كىرىپ توختىشىڭىز مۇمكىن.شۇڭا بۇلارنىمۇ خاتا دىگىلى بولمايدۇ،خۇسۇسىي نامدىكى كارخانىنىڭ پۇلى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ،قانداق ئىشلەتسىڭىز ئىختىيارىڭىز،لىكىن شىركەتنىڭ ئۇنداق ئەمەس،بۇ قانۇندا سىلىنما كايىتال بولىدۇ.شۇڭا شىركەت باشقۇرۇشتىن ساۋادى يوق كىيىن باج ئوغۇرلىدى،خىيانەت قىلدى دەپ قارلىنىپ قالغاندىن يەككە تىجارەتمۇ ياخشى.لىكىن چوڭراق بىر ئىش قىلاي دىگۈچىلەرگە،يۇرت-خەلق ئۈچۈن بىر ئىش قىلاي دىگۈچىلەرگە يەنىلا شىركەتنى تەۋسىيە قىلىمەن.

5

تېما

2

دوست

3159

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15932
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 896
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 20:03:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مەلۇم بىر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ، بۇ قانۇن بىزگە قارىتىلمىغان، ئىشەنمىسەڭلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كۈندە نەچچە رەت ئۈسۈپ بىقىڭلار، ئۇلار ياق دىمەيدۇ، بىراق ئۇ رەسمىيەت كەم، بۇرەسمىيەت كەم،دەپ قۇرۇق يولغا سالىدۇ، كەمنى تولوقلايمەن دىسەڭلار ئۆمرىڭلار يىتىشمەيدۇ.  شۇنداقتىمۇ باشقىلارنىڭ سىناپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )