- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1077
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
  7.7%
|
ibniabbas2 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 20:39 
رەھمەت ! بۇسىياسەتلەردىن بىزنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتىمى ...
شىركەت-كارخانانىلارنىڭ كۆپىنچە باج تۈرلىرىگە دۆلەتتىن كەچۈرۈم قىلىنغان سىىياسەت بار ئىكەن . ئەمما مەن قايسى تۈرلەر ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.
مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىش بار . بىزنىڭ شىركەت بىر تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت. ھەريىلى 1-2قېتىم چەتئەللەردە كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ تۇرىمىز.چىقىملىرىمىزنى ئۆزىمىز قىلىپ چىقىپ كىرگەندىن كېيىن ، چەتئەللەردە ئىشلەپ كەلگەن ئېلانلىرىمىزغا تۈرمەبلىغى ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەلگە چىقىدىغاندا چىگرا رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تۆلىگەن كۆرگەزمە ئورنى ھەققى ۋە خادىملارنىڭ كاماندىروپكا خىراجىتىنىڭ مەركەز تەرىپىدىن كۆتۈرۈپ بېرىدىغان پۇلىسىغىمۇ ئىلتىماس قىلغان. شۇ پۇل بىز ئىلتىماس قىلىپ 3 ئاي ئىچىدە مالىيە ئىدارىسى ھېساباتىمىزغا ئۇرۇپ بەردى.بىزنىڭ شىركەت بوغالتىرىمىز بۇ پۇلغا باج تۆلەيمىز دېدى. بىزنىڭ شىركەت بار رايونغا مەسئۇل باجخانا خادىمىمۇ بۇ پۇل كىرىم ھېسابلىنىدۇ ، باج تۆلەيسىلەر دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ شىركەت بىر يىل ئىچىدە 10مىڭ يۇەندىن ئارتۇق مۇشۇنداق باجلارنى تۆلىدۇق .
كېيىن باشقا بىر تاشقى سودا شىركىتىدىكىلەر بۇ دېگەن مەركەزدىن باج كەچۈرۈم قىلىنغان كىرىم ، سىلەر نېمىشقا باج تۆلەيسىلەر دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ شىركەتكە مەسئۇل باجخانا خادىمىدىن سورىسام ، بۇ دىگەن كىرىم ، باج تۆلەيسىلەر دەپ تۇرۇۋالدى . كېيىن ئاشۇ ئەقىل ئۆگەتكەن كىشىدىن سورىسام ، بۇنداق باج كەچۈرۈم قىلىنغان تۈرلەرنى باج ئىدارىسىدىكى كۆپىنچە خادىملار بىلمەيدىكەن.
ئەگەر مۇناسىۋەتلىك كىنىشكەڭلار تۇلۇق بولسا چەتئەل بازارلىرىغا كىرەلەيسىلەر. خەيگۇەن رەسمىيىتى دېگەندە رەسمىيەتلەر كېتىدۇ. مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە بىر قىسىم تور بەتلەرنى قالدۇرۇپ قويدۇم . شۇنىڭدا تەپسىلىي بار ئىكەن . ئەمما مەزمۇنى خەنزۇچە ئىكەن. |
|