- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5288
- نادىر
- 0
- يازما
- 517
ئۆسۈش
  5.76%
|
بۇ تىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى ،نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى توردا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باللىرىنى ئاناتىلدا تەربىيلەشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ كۆرگەن ۋە ناھايىتى خۇرسەن بولغان ،سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ ھەقسىز ئاناتىل كۇرسى ئاچقانلىقنى ،ئاتا-ئانىلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم ،لىكىن بۇ يازمىدىن مەلۇمكى ، بۇ ناھايىتى ئاز ساندا ،ئوقۇتالمىغانلار ،ئەھمىيەت بەرمىگەنلەر ،بەرمەيۋاتقانلار كۆپ ساندا ئىكەن .
بىز چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن شۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنى ناھايىتى بىلىملىك ،يىراقنى كۆرەر ،مىللىي كىملىكنى قوغدايدۇ ،دەپ قارايمىز .ئۇلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز ،ئۇلارنىڭ كىچىككىنە مۇۋەپپىقىيەتلرىدىن ئالەمچە شاتلىنىمىز ،ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۆز پەرزەنىتلرىنى -كەلگۈسىمىزنى بۇنداق تەربىيلىسە بۇ بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ ؟! ئاناتىلغا ئائىت ماتىرىياللار ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگىنەي دېگەن ئادەمگە تورلاردا تولۇپ تۇرۇپتۇ ،بولمىسا ۋەتەندىكى قېرىنداشلاردىن يارىدەم سورىسا ھەر ۋاقىت قولىمىز كۆكسىمىزدە ، ئەگەر ئۇلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولسا ،پەرزەنىت ئۈچۈنمۇ بولسا بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇراقلاشسا بولىدىغۇ ؟
مەن بىر يەھۇدىنىڭ بالىسىنى داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزنىڭ خىزمەت ئورىنىغا بەك يىراق ، ئەمما بالىسىنىڭ مەكتىپىگە يېقىن يەرگە نەچچە قېتىم كۆچكەنلىكىگە ئائىت ماتىرىيالنى كۆرۈپ ،بۇنداق روھنىڭ بىزدە قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپ قالغان ئىدىم .بۇ تىمىنى كۆرۈپ بەكمۇ مەيۈسلەندىم ... |
|