- تىزىملاتقان
- 2014-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 604
- نادىر
- 0
- يازما
- 43
ئۆسۈش
20.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azmas2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 16:33
ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە قانچىلىك پۇت تىرەپ قالالايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
سىز مەن ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىنى سۆزلەپسىز. مەنمۇ دەل سىز ئويلىغاننى ئويلىغان، قايغۇرغان ۋە ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەۋاتقانلارنىڭ بىرىمەن.
مەن چەتئەلگە چىقىپ باقمىدىم. ئەمما يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۈۋاتىمەن، ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن كۆزىتىۋاتىمەن.
مەن چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئېلىۋاتقان ۋە ياكى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ياخشى ياشاۋاتقان ئىرادىلىك ۋە قەيسەر كىشىلىرىمىزگە ئاپىرىن ئېيتىمەن. ئۇلار شۇنچىلىك تىرىشقانلىقى بەدىلىگە ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىپتۇ، ھۆرمەت ۋە ئىززەت تېپىپتۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ياخشى كۈنلەرنى ۋە توغرا ئەقىلنى ئاتا قىلسۇن!
بىز مىللىي كىرزىسقا ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسيىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ يەتتۇق. دەسلەپتە تېڭىرقىدۇق، ھەيران قالدۇق، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنىمۇ بىلەلمەي قالدۇق. راست، بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنىڭ قىيىن كۈنلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ يەتتۇق. بەزىلىرىمىز تىرىشىپ ياشاش ئىمكانىيىتى تېپىشقا ئاتلاندى. بەزىلىرىمىز كېيىنلىكىمىزنى ئويلىشىپ يات يۇرتلاردا ياشاشنى خالىدۇق. بەزىلىرىمىز جان باقارلىق قىلىۋاتىمىز. «تۈكنىڭ يېتىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ» ئىش تۇتۇۋاتىمىز. ئەمما راست گەپ، بىز مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قېچىۋاتىمىز.
مەن چەتئەلگە چىققان ۋە چىقماقچى بولۇۋاتقانلار بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋەتەندىكى مۇشكۇلاتلاردىن كۆڭلى رەنجىپ تىنچ، خاتىرىجەم ماكان ئىزدەپ ماڭغانلار؛ بەزىلىرى ئىلىم-ئېرپان ئۈچۈن ھەر-ھەر قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، ئىلىمنىڭ بۈيۈك چوققىسى نەدە بولسا شۇ مەنزىلنى نىشانلاپ يولغا چىققانلار بولدى.
مەن ئۇلارغا قاراپ ئويلىنىپ كەتتىم. «قايتىپ كېلەمسىلەر؟» دەپ سورىدىم ئۇلاردىن.
__ ياق، ئەركىنلىككە تەلپۈنىمىز...
__ ئېتىقادىم ئۈچۈن كەڭتاشا ماكان بولسىلا بولدى...
__ بىلمەيمىز...
مەن يەنە تەگسىز خىياللارغا شۇڭغۇپ كەتتىم.
بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ، ئەركىن ئازادە تۇرمۇشنى تاللىغانلىقىغا مەن خاتا قىلدىڭ دېيەلمەيمەن. بەزى كىشىلەرنىڭ بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىگە قاراپ بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ دېيەلمەيمەن. ئۇلاردا شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىكەن، مەن ئۇلارنى قېلىپ قېلىڭلار دېيەلمەيمەن. ئەمما كۆڭلۈم بەكلا قايغۇرىدۇ. چۈنكى بىر توپ ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىللار، ئاقىللار، بىلىملىكلەر، قابىللار كېتىپ، ئاجىز ئورۇقلار، ئەقلى كەمتۈكلەر، ياردەمگە موھتاجلار، گۆدەكلەر قېلىپ قالسا، شۇنچىلىك ئېغىر بېسىم ئىچىدە قالسا ئۇلارنىڭ كېيىنلىكى قانداق بولۇپ كېتەر دەپ ئەنسىرەيمەن.
ھەر نېمە بولۇپ كەتسەكمۇ ۋەتەندىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن، ساپ، پاك تۇغۇلغان يۇرتتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. چەتئەلدە ياشاۋاتقانلار، مېنىڭچە بولسا، قايتىپ كېلىشنى ئىرادە قىلسا قايتىپ كەلسۇن، ھەر نېمە بولسا تىلى بىر، دىلى بىر كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بىر نېمە بولسۇن. مەن بەلكىم ئەقىلسىزدۇرمەن، گەپ-سۆزلىرىم نادانلاردىن قىلىشقۇسىزدۇر ۋە بەلكىم. ئەمما ۋەتەننى خەققە تاشلاپ بېرىپ، چاپاننى مۈرىگە ئارتىپ چىقىپ كېتەلمەيمەن.
يۇرىكىم مۇجۇپ مۇجۇپ ئاغرىپ كەتتى. بىز چۇقۇم بۇ رەھىمسىز ئۆزگىرىشلەرگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر بىزدە تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى سۆيىدىغان يۈرەك بولمىسا ئىدى، بىز بۇنچىلىك زەپىران چىراي، ھالسىز بەدەن بولماستۇق. ئەمما مەن ئۈمىدنى يۈتتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن. مەيلى نېمە بولسام بولاي، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەيمەن. ئۈمىدنى يوقاتقانلىرىمىز ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن دەيمەنكى، ئۈمىدنى يوقاتماڭلار، گەر بېشىڭلارغا تاغ يېقىلسىمۇ...
بىرلا يول بار: سىز تىرىشىڭ، مەن تىرىشاي، ھەممىمىز تىرىشايلى. شەخسىيەتسىز تىرىشايلى، مەۋجۇدلۇقىمىز، ئېتىقادىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى. بەلكىم بىرىمىزنىڭ ئۆمرى ھالىمىزنى ئۆزگەرتىدىغانغا يەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تىرىشىشتا چوقۇم ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ.
ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا يېتەكلىگەن سىزگە ۋە يازمىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەتلىك ئىگەم ھەممىمىزنىڭ ھالىنى ياخشىلىشىنى تىلەيمەن. مەيلى نەدىلا بولۇڭ، ئامان بولۇڭ! |
|