- تىزىملاتقان
- 2013-11-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 832
- نادىر
- 1
- يازما
- 37
ئۆسۈش
  66.4%
|
بۈگۈن ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەتلى قىلىنغانلىقىغا 81 يىل بولغان كۈن. چېقىمچى روزى موللىنىڭ پەرزەنتلىرى ھېلىمۇ ھايات، لېكىن تۇرمۇشى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. خوجىنىياز ھاجىم تۇرپانغا كەلگەندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ سورىغان ئىشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئاشكارىلاپ قويغان روزى موللىنىڭ كاللىسىنى كېسىش بولغانىكەن. شائىرنىڭ قەبرىسى جايلاشقان قەبرىستانلىق يولغا تاقىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن يېرىمى بۇزۇۋېتىلگەنلىكى راست. شائىرنىڭ نەۋرە ئىنىسى پەتتار ھاجىمنىڭ دېيىشىچە، شائىر قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، ئىپلاس ھۆكۈمرانلار ئۇنىڭ جەسىتىنى 3 كۈن سازايى قىلغانىكەن، پەتتار ھاجىم شائىرنىڭ ئانىسى بىلەن بىللە ھارۋىلىق بېرىپ جەسەتنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋاپتىكەن.
خوجىنىياز ھاجىم تۇرپانغا كېلىشكە بىر نەچچە كۈن كېچىكىپ قالمىغان بولسا، شائىرنىڭ بېشىغا بۇ كۈنلەرمۇ كەلمىگەن بولاتتى بەلكىم. |
|