- تىزىملاتقان
- 2013-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 888
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
  77.6%
|
مودا بولدى شالغۇت تىل،
ئويلانمىدى ئۇيغۇر دىل.
خاراپ بولدى ئانا تىل،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
شالغۇتلاشتى تىلىمىز،
قاينىمايدۇ دىلىمىز،
«ئۇيغۇر »بولسۇن نامىمىز،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
ئانا تىلنى قوغدايلى،
ئەنئەنىنى قوغدايلى،
شالغۇت تىلنى تۈزەيلى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
ئەلدە ئىدى ئەر غېمى،
ئەلگە كۆيگەن ئەر قېنى؟
ئەل دەپ ئاققان تەر قېنى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
كۆپ تىل بىلىش شەرەپ ئىش،
تىلدىن كېلەر يۈكسىلىش،
ئانا تىلسىز يېزىم، قىش !!!!
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما!
دەرەخ بولماس يىلتىزسىز،
مىللەت بولماس ئۆز تىلسىز،
ئۆلەي، قالسام سېنىڭسىز!
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما !
|
|