- تىزىملاتقان
- 2012-6-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1680
- نادىر
- 1
- يازما
- 87
ئۆسۈش
  68%
|
amatjan يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 14:40 
دۆلىتىمىزدەمۇشۇسوغۇرتاشىركىتىدىنمۇئۆتەمۇتىھەم شىرك ...
مېنىڭچە سىز ئۆزىڭىزقاتناشقان سۇغۇرتىنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. سىز قاتناشقان سۇغۇرتا ماۋۇ تېمىدا ئېيتىلغان سۇغۇرتىغا ئوخشىمايدۇ. سىزنىڭ قاتناشقىنىڭىز ئىجتىمائى سۇغۇرتا. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلغاندا ئالامىغان بولسىڭىز يەنە باشقا بىر يەردە ئىشلەپ چىقىپ كەتكەندە ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇ پۇلغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز بۇ سۇغۇرتىنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر يىل تاپشۇرىڭىز كېرەك. سىز تۆلىىگەن قېرىغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كەلسەك ئۇ پۇلنىڭ ئاز بىر قىسمىنى سىزنىڭ ئايلىقىڭىزدىن تۇتۇپ، كۆپ قىسمىنى ئىدارە ئۈستىگە ئېلىپ تاپشۇرىدۇ. بۇ پۇلنى قايتۇرىدىغان ئىككى شەرت بار، بىرى سىز چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ كەتسىڭىز قايتۇرىلدۇ، يەنە بىرسى سىز ئۆلۈپ كەتكەندە شۇ پۇلنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئايلىقىدىن تۇتقان قىسمىنى يەنە نەچچە ئايلىق نەپىقە پۇلى بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر قېرىغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە 15 يىل تاپشۇرسىڭىز 60 ياشقا توشقاندا ھەر ئايدا ئايلىقىڭىز بار بولىدۇ. مەن مۇشۇ توغرىسىدا بۇرۇن بىر تېما يوللىغان قارىغاندا شۇ تېمىنى قايتا يوللىسام بولغۇدەك. |
|