- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3088
- نادىر
- 0
- يازما
- 411
ئۆسۈش
  36.27%
|
مەنمۇ مەلۇم بىر شىركەتتە 4 يىل ياللانما خادىم بولۇپ ئىشلىگەن، سۇغۇرتىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان ئىدىم،كىيىن خادىم قىستارتىمىز دەپ مىنى ئىشتىن بوشاتتى. ئادەتتىكى ياللانما خادىم بولغاچقا ھىچنىمە دىيەلمىدىم. شۇندىن كىيىن ، ئائىلەمنى قامدىيالىغىدەك مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماي، ئۇششاق تىجارەت بىلەن ئا ئىلەمنى ئاران قامداپ كىلىۋاتىمەن، بىراق بۇرۇن تۈلىگەن سۇغۇرتامغا ئىچىم ئىچىشىۋاتىدۇ، ئاز كەم 20000‹ يىگىرمە مىڭ يۇەن › پۇل ئىدى.سۇغۇرتا ئىدارىسى بۇپۇلنى قايتۇررۇپ بەرمەيدىكەن. مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدىم.ئاڭلىسام بۇ سۇغۇرتىنى ئۈزۈلدۈرمەي 15 يىل تۈلىمىسە ،بۇرۇن تۈلىگەنلىرى ھەممىسى بىكارچى بوپ كىتەرمىش ، بۇ مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئادالەتسىزلىك بولدى. مىنىڭ شۇنداق تۈلىگىم بارتى، بىراق قىنى شۇ خىزمەت؟قىنى شۇ پۇل؟تۇرمۇش ھالەكچىلىگىدە 8 يىل ئۆتۈپ كەتتى، قانچە ئويلىساممۇ ئىددىيەمدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ.
بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بەلكىم مەندەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلاردىن نەچچە تۈمەنلەپ بولىشى مۇمكىن، بۇ سان سىپىرلارنى بىرلەشتۈرسەك ئادەمنى سۈر باسقۇدەك نۇرغۇن رەقەملەر چىقىدۇ،بۇ پۇللار زادى قەيەگە كىتىپ بارىدىغاندۇ؟مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى جاپاكەش ئۇستاملارغا شۇنى دىگىم كىلىدۇكى؛ بىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزىمىز دەپ بەك چارچاپ كەتمەي،ھالال ئىشلەپ قان-تەر بەدىلىمىزگە كەلگەن شۇ پۇللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولساڭلار، يىلدا 1000 يۇەندىن تۆلىسەممۇ، 20 يىللىق پار پۇلىسنى بىراقلا تۆلىۋالغان بولسام،مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ھەقىقىي ئىللىقلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان بولاتتۇق،،،،،،،،،،
|
|