- تىزىملاتقان
- 2012-8-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5470
- نادىر
- 1
- يازما
- 399
ئۆسۈش
  9.4%
|
پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى پۇقرالارنىڭ رايى بويىچە قارار قىلىش كېرەك! سوتسىيالىستىك تۈزۈم ياخشى، ئۇنىڭدا ھەقىقى دېمۇكراتىيە بار، دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى، خەلقنىڭ رايىنى ئاساس قىلىدۇ دەپ يالغاندىن جار سېلىپ، ئەتىسى قوپۇپ ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى كاچاتلىغاندەك خەلقنىڭ رايىنى، مەنپەئەتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئەمەلدارلارنىڭ رايى ۋە مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تەدبىر بەلگىلىسە بولامدۇ!؟ ھۆكۈمەت چوتنى ناھايتى پۇختا سوققاندەك قىلىدۇ. پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتسا، بىر خىزمەتچى 25 ياشتا خىزمەتكە قاتناشقان بولسا 65 ياشقىچە ئىشلىسە 40 يىل سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرىدۇ. پىنسىيەگە چىقىشقا تېگىشلىكلەرنىڭ %30تى پىنسىيەگە چىقمايلا ئۆلۈپ كەتسە، %50تى پىنسىيەگە چىقىپ 5 يىل بولا-بولمايلا ئۆلۈپ كېتىشى مۈمكىن، قالغان %20 ئادەم بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ پىنسىيە سۇغۇرتىسىنى خەجلەپ بولالامدۇ؟! پىنسىيەگە چىقىدىغانلارمۇ ھەممىسى بىرلا ۋاقتتا پىنسىيەگە چىقامدۇ؟! بۇنىڭدا ھۆكۈمەت پايدىنى كۆزلىگەن. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئالىدىغان پايدىسى بەك كۆپ. ياشانغاندا بېقىلىش، داۋالىنىش، ئۆي-مۈلۈك، ماتۇرلۇق قاتناش، بانكا قەرزى... دېگەندەك بىر تالاي سۇغۇرتىلاردىن ئالىدىغان پايدىسىنى ھېساپلاپ بولۇش مۈمكىن ئەمەس. قىسقىسى ھۆكۈمەت پۇقرالاردىن قاتمۇ قات باج ئېلىپمۇ يەنىلا كۆزى تويماي يۇقىرقىدەك ناملار بىلەن تەسىس قىلغان مەجبۇرىي سۇغۇرتىلاردىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى شىلىپ يەپ، ئۇلاردىن غايەت زور نەپ ئۈندۈرۈۋالماقتا. مەسىلەن، بىر خىزمەتچى بانكىدىن قەرز پۇل ئالماقچى بولسا ئەر-خوتۇننىڭ ئىش ھەققىنى، بىنا ئۆيىنى گۆرۈگە قويغاندىن سىرت، بىر-ئىككى ئادەمنى (مۇقىم كىرىمى، ئۆي-زېمىنى بار) كېپىللىككە تارتىدۇ. ئۇنىڭغا بەس كەلمەي قەرز سۇغۇرتىسىغا مەجبۇرىي قاتنىشىدۇ. مەن خىزمەت قىلغىلى 30يىلدىن ئېشىپتۇ، ھازىرغا قەدەر بىرەر خىزمەتچى بانكا قەرزىنى تۆلىيەلمەي ئۇنىڭ قەرزىنى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بەرگىنىنى بىلمەيمەن. دېمەك قەرز سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتكە قالىدۇ. |
|