- تىزىملاتقان
- 2014-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 611
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
  22.2%
|

ئادەتتىكى كەڭ ئەمگەكچىلەر پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ئەمەس بەلكى مۇمكىن بولسا 50 ياشتا، ئەڭ ياخشىسى 40 ياشتا پېنسىيىگە چىقىشنى ئارزۇلايدۇ. ئەمەلدارلارچۇ؟ پېنسىيە يېشىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، مۇمكىن بولسا 80-90 ياشتا پېنسىيىگە چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاۋام پۇقرانىڭ 60 ياشتا پېنسىيىگە چىقىشنى ئۈمىد قىلىشى، تارىخى ئەنئەنىگە ۋە خەلقئارا قائىدىگىمۇ ئۇيغۇن.
ماۋۇ بىر ئابزاسنى تازا دېگەندەك توغرا تەرجىمە قىلالماپسىز، دەپ قارىدىم. بۇنىڭ ئەسلى خەنزۇچىسى مۇنداق ئىكەن:
对“民意”来说,不要说延迟退休,恨不得五十岁、四十岁退休;对“官意”来说,不要说六十五岁退休,恨不得七十岁、八十岁退休,六十岁这个退休年龄其实是“民意”和“官意”妥协的结果,也符合历史传统和世界通行做法。
مەن بۇنى مۇنداق تەرجىمە قىلدىم:
«خەلق رايى»غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىشقا قارىغاندا، خەلق 50 ياشقا، 40 ياشقا بارغاندىلا پېنسىيەگە چىقىۋالغۇسى كېلىدۇ؛ «ئەمەلدارنىڭ رايى»غا باققاندا 65 ياشتا پېنسىيەگە چىقىۋالماي، 70 ياش، 80 ياشتا ئاندىن پېنسىيەگە چىققۇسى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە «60 ياشتا پېنسىيەگە چىقىش» دېگەن بۇ گەپ «خەلق رايى» بىلەن «ئەمەلدار رايى»نىڭ مۇرەسسەلىشىشىدىن چىققان نەتىجىدۇر. بۇ ھەم تارىخىي ئەنئەنىگە ۋە خەلقئارادا ئېقىۋاتقان ئۇسۇلغا ماس كېلىدۇ.
مەن بىر قەدەر توغرا دەپ قارىغان قارىشىمنى يېزىپ قويدۇم خالاس. بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر تەرجىمىنى سۇنغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. |
|