- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2673
- نادىر
- 1
- يازما
- 205
ئۆسۈش
  22.43%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-5 20:17
گۈلنىڭ ھەرخىل ھەرەڭلەردىكىلىرى بولىدىغۇ،گەرچە ھەممسىنى ئوخشاشلا گۈل بولسىمۇ لىكىن رەڭگارەڭ بولغانلىقى بىلەن بىزگە گۈزەل كۆرىندۇ. ئۇلارنى ماۋۇ پالانچى گۈل،ئاق گۈل ياكى قىزىل گۈل دەپ ئىسىملارنى قويىۋالغانمىز.مىللەتلەرمۇ ئەنە شۇنداق ئىسىم قويۇشلار نەتىجسىدە پەرىقلەنگەن.بۇ مۇشۇ دۇنيادا ئىېتىراپ قىلىنغان سالاھىيەت بولسا كېرەك. بىز بۇ گۈزەل دۇنيادىن خوشاللىنىمىز. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ھەرخىل مىللەت ھەرخىل رەڭ،ئىرقىلاردا يارىتىشىدا ھەتتاكى ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر بىرىگە ئوخشىماسلىقىدا ئاللاھنىڭ ھېكىمىتى بار ئەلۋتتە.
مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شۇڭلاشقا ئېتىراپ قىلىمىز. بۇنى ئىتىراپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلىق .ھەرخىل ئىرىق ھەرخىل تىللاردىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان،پەرىزلەرنى ئادا قىلغان بارلىق كىشلەرنى بىردەك قېرىندىشمىز دەپ قارايمىز. ھەر بىر مىللەتنىڭ ھەر بىر قەۋىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تىلى،مەدەنىيىتى،ئۆرۇپ ئادەتلىرى ،ھەتتا ئۆز ئارا يەرلىك شۋىلىرى بولىدۇ. ئۇلارنى ئېتىراپ قىلمىز ھەم ھۆرمەت قىلىمىز.
پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئادەم ئۇرۇقى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەتنىڭ ئاللاھنى تونۇشنى تىلەيمىز.
قايسى دىندا بولسۇن كىشلەرنى كەمستىمەيمىز،تاجاۋۇز قىلمايمىز.مانا بۇ ھەقىقى مۇسۇلمانلىق سۈپەت،،ئاخىردا ھەمىمنى ئايرىغۇچى بىر ئاللاھ ئۆزىدۇر.
|
|