- تىزىملاتقان
- 2011-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2636
- نادىر
- 0
- يازما
- 99
ئۆسۈش
21.2%
|
سالام قېرىندىشىم تۇركىناز!
ياخشى تېما يوللاپسىز،مۇسۇلمان دىگەن ئەرەپچى ئاتالغۇ بولۇپ ئۇيغۇرچىدا «پاك ئادەم» دىگەنلىكتۇر،بەزىدە بوي سۇنغۇچى دەپمۇ ئاتايدۇ.شۇڭا بەزىلەر سەن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ دەپ سورۇشى دەل مۇسۇلمان دىگەن بۇ ئەرەپچى ئاتالغۇنى چۈشەنمىگەنلىكىدىندۇر.ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە پاكىز ئىنسانلارمۇ (ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بوي سۇنۇپ ياشايدىغانلار)، پاسكىنا (كاپىرلار(ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئادەم))ئادەملەرمۇ مەۋجۇت.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزگە سالام دىگەنلىكتۇر،بۇ سالامنىڭمۇ تەرجىمىسىمۇ يىتەكچىلەر ئېغىزىدا ھەر خىل.مەيلى ئەرەپ تىلىدا سالام بېرىڭ ،مەيلى ئۇيغۇر تىلىدا سالام بېرىڭ ،بۇ تالىشىدىغان مەسىلە ئەمەس.«ئاللاھ بىزنى سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار دىگەن...............» شۇڭا بىز سالامنى ئومۇملاشتۇرساق بولدى. قۇر'ئاندا ئەرەپچە سالاملىشىڭلار دىگەن بەلگىلىمە يوق!.
سىز تېمىڭىزدا دىنىم مېنى ۋەتىنىمنى سۆيۈشكە بۇيرىدى ..............دەپسىز! ئانا تىلىڭىز سىزنىڭ ھەم مېنىڭ ھەممىمىزنىڭ مەنىۋى ۋەتىنى! گېپىڭىزدەچىڭ تۇرۇپ ۋەتىنىڭىزنى ھەقىقى سۆيۇڭ!!
بىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىيەلمىسەك،نىمىمىزنى قەدىرلىيەلەيمىز!
مۇمكىن بولسا تۇرمۇشۇمىزدىكى بارلىق سىرتتىن كىرگەن ئاتالغۇلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز چۈشۈنۈپ.بالىلىرىمىزغا چۈشەندۇرسەك بولىدۇ.
بىلىشىمىز كېرەككى تالاغا قارىغان ئەر-ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى جەگگى-جىدەل بىلەن زىننەتلىنىدۇ،ئۇلارغا تېنچلىق(ئىسلام) مەنسۇپ بولمايدۇ.
ئانا تىلىدىن چانغان(قەدىرلىمىگەن) كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا تالاش-تارتىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.
مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىن ئېيتساق :ئاللاھ بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ئانا تىلىمىز قەدىرلىمىسەك ،باشقا تىللارغا تەلمۈرسەك ئاللاھ بەرگەن رىزىققا شۇركى قىلمىغان بولمامدۇق.
سىز تېمىڭىزدا يەنە بىر گەپنى توغرا دەپسىز:ئىسلام-ئەرەپلەرنىڭلا ئەمەس! شۇنداق تېنىچلىققا ئىنسانلا ئەمەس بارلىق مەۋجۇدات مۇھتاج. سىز چۇشلۇك چوقۇنۇش(ناماز) ۋاقتىدا قاراڭ ئاللاھغا تازىم(رۇكۇ) قىلىدىغان ئىنسانلارلا ئەمەس،بارلىق مەۋجۇدات ھەتتا ئۇلارنىڭ سايىسى ئاللاھنىڭ ئۆيى(كەبە) تەرەپكە ئىگىلىدۇ ئاللاھقا تازىم قىلىدۇ(قۇياش،دەل-دەرەخ،قۇياش،شامال).بارلىق كائىنات ئۆز تىلىدا «ئاللاھ ئۇلۇغدۇر!!!.....»دەپ ئاللاھقا مەدىيە ئوقۇيدۇ(ھەمدۇ-سانا دەيدۇ ئەرەپچىدە).
داۋاملىق ئىزدىنىڭ ئاللاھ ئەمگىگىڭىزنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلغاي!!.
ئىجاۋەت قىلىپ بەرگىن(ئامىن دەيدۇ ئەرەپچىدە) |
|