- تىزىملاتقان
- 2013-5-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6576
- نادىر
- 0
- يازما
- 379
ئۆسۈش
  31.52%
|

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turkan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 13:37
pawil يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 12:00 
مەن ھۆكۈمەت خادىمى بۇلمىغاندىنكىن ، رايۇنىمىزغا كىم ب ...
قۇشۇلىمەن ، سىز ھېلىغۇ ناھىيەنىڭ ھاكىمى ئىكەن ، مەن 8 يىلنىڭياقى يېزىمىزنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قارشى تەرپىدە دۇكان ئچىۋېتىپمۇ يېزىمىزنىڭ باشلىقىنىمۇ تۇنىمايمەن ،
نىمىشقا دىسىڭىز ، بىزنىڭ جەنۇپ تەرەپلەردە يېزىنىڭ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئېلىپ كىرگەن شۇ يېزىدا چىۋىننىڭ قانتىچىلىك خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى « شاڭجاڭ » دەيمىز ، شۇنداق بولغاچقىمۇ قايسسىسى « شاڭجاڭ » قايسىسى يەنە نىمەجاڭ بىلمەيلا قالىدىكەن ئادەم ، ئۆزۈمغۇ ئانچە دۆتمۇ ئەمەس بولمىسا .
مەنلا ئەمەس بىلىشىمچە يېزىمىزدىكى 95% كىشىلەر بىلمەيدۇ .
يېزىنىڭ ياكى ناھىيەنىڭ ئاساسلىق كادىرلىرىنى 90% كىشىلەر بىلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار رايۇنىمىزنى ئاساسلىق تەشكىل قىلغۇچى دىېقانلار بىلەن ئۇ يىل - بۇ يىل سىرداشمايدۇ ، ھال - مۇڭ بۇلۇشمايدۇ ،پەقەتلا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياكى ئوغلاق - پاخلان يىگۈسى كەلگەندە ماشىنىسىنى ھەيدەپ شۇنداقلا بىر ئايلىنىپ قۇيىدۇ خالاس ، ئىش تۈگەيدۇ ، مانا رايۇنىمىزدا پۇقرالار بىلەن كادىرلار ئارىسىدىكى ھاڭ شۇنچىلىك چۇڭقۇر ، شۇنچىلىك يىراق .
|
|