- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3866
- نادىر
- 0
- يازما
- 245
ئۆسۈش
  62.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ulughyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-1 17:40
xaqaniye يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 11:49 
بورھان شەئىدى چۈشۈپ قالدىمۇ نېمە؟مەن شۇ ئادەمگە ھەيرا ...
خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ بورھان شەھىدى قاچان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپتىكەن؟
مىنىڭ تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمچە بۇ ئادەم شېڭ شىسەي، گومىنداڭ دەۋرىدە ئالاقىدار ۋەزىپىلەردە بولغان. گومىنداڭ دەۋرىدە يەنە شىنجاڭ ئۆلكىسىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغان, شۇنداقلا ئازاتلىقتىن كېيىن شىنجاڭغا رەئىس بولغانلىقىنىلا بىلىمەن. بەلكىم بۇ تېمىدا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب: مەزكۇر تېمىدا پەقەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكىرتارلىرىلا كۆزدە تۇتۇلغان. شۇنداق بولغاندا بۇ ئادەم ئېسىمدە قېلىشىچە 1950- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە شىنجاڭغا رەئىس بولغانغۇ دەيمەن، سېكىرتار بولمىغان.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋرىدە ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالانغاندا جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى، بورھان شەھىدى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى مۇئاۋىن رەئىس بولغان. ئەخمەتجان قاسىمى پەقەتلا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمەت تەرەپتىن ۋەكىل بولۇپ مۇئاۋىن رەئىس، بورھان شەھىدى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى سىرتىدىكى كۈچلەرگە (رايونلارغا) ۋاكالىتەن مۇئاۋىن رەئىس بولغان. شۇنداق بولغاندا ھەم بىرقىسىم تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بورھان شەھىدىنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن دېيشكە بولمايدۇ. (بۇ ئىنكاسقا ئالاقىدار ماتېرىياللار ھازىرنىڭ ئۆزىدە يېنىمدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەنبەسى بىلەن ئەسكەرتىشكە ئامالسىزمەن. ئەمما بۇ ھەقتىكى تارىخىي بايانلارنى ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك توغرا چۈشەنگەن بولساڭلار). |
|