- تىزىملاتقان
- 2013-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 493
- نادىر
- 1
- يازما
- 30
ئۆسۈش
  96.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otyurak99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 20:46
ماقالىنىڭ تولۇق نوسخىسى ئېلان قىلىنىپ بەكمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. ماقالە دەسلەپ «شىنجاڭ ياشلىرى»ۋە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تاتقانىدى.تۇرمۇشتىكى ۋە مەنىۋىيەتتىكى بىسىم ،قانداق ياشاش توغرىسىدا زۇلپىقار مۇئەللىم ئىدىتلىق جاۋاپ بىرەلىگەن ماقالە ئىكەن.
دەۋرىمىز تەرەققىياتىدىكى تەخىرسىز سوئاللار ۋە مەنىۋىيەتتىكى تۈگمەس بىسىملار يەلكىنى بىسىم قاتماللىققا مەجبۇر ئىتىلگەندە، ھەممە ئۆزى بىلگەنچە قۇتۇلۇش يولىغا مۇراجەت قىلىپ باقىدۇ ،ئەمما جاۋاپ ئۆزى كۈتكەن يەردە ئەمەس بولۇپ چىققاندا باشقىلارنىڭ توغرا يېتەكلىشىگە مۇراجەت قىلىدۇ. كۈنىمىزدە تۈرلۈك شەخسىيەتچىلىك، جانباقتىلىقلارنىڭ ئاۋوپ كىتىشى، ئومۇم ئۈچۈن باش قاتتۇرىدىغان، سوغۇققان تەپەككۇردا تۇرۇپ ئەتىراپىدىكى تېۋىشلارغا يۈرەك ياقىدىغان كىشلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن پايدىسىز. سۆھبەتنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن تىرەنلىكى قايتا-قايتا ئوقۇشقا ، چۈشىنىشكە ئىنتىزار قىلىدىكەن. ئاخىرىنى كۈتىمىز. |
|