- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1410
- نادىر
- 0
- يازما
- 60
ئۆسۈش
  41%
|
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش مېنىڭچە ئەمدى ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىگە ئىنكاس يازمايدۇ ...
چۈنكى ئىنكاس يازسا يەنە بىر ئۇچۇم مۇرتەتلەرنىڭ قورشاۋېدا قالىدۇ .
دوپپىمىزنى ئېلۋېتىپ تۇرۇپ سوغاققانلىق بىلەن ئېيىتقاندا زۇلپىقار بارات ھېچقانداق بىر زىيالى ئۆز ئىسمى بىلەن تورغا چىقالمىغان شۇ كۈنلەردە دادىللىق بىلەن ئۆزىنى ئاشكارلىغان . تېرىقتەك چېچېلىپ كەتكەن تورداشلارنى بىر يەرگە يىققان . ئورتاق بىر تىما ئۇستىدە ئويلىنىشقا ئۇندىگەن .
ئۆزىنى بىلەرمەن ساناپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئاتالمىش مەشھورلارنىڭ ۋە شۇ مەشھورلارنى ئۆزىگە پىر بوزرىك ساناپ يۈگەنلەرگە ،دەللىل ئىسپاتلار بىلەن توغرا يول كۆرسىتىپ بەرگەن .لكىن تورداشلار ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىدۇق .
دوكتۇرنىڭ يوقلىقى تور مۇنبەرلەرگە كىرمىگەنلىكى ئەمدىلەتىن چانغىلى تۇردى . ئەينى ۋاققىتا دوكتۇر ‹رادىل ئابلاغا تەنقىد›دىگەن ماقالىسنى يېىزپ ئۇيغۇر كارخانىچىللىرىنى سەل كەمتەررەك بولۇشقا ئۇندىگەن ئىدى . لىكىن بىز شۇنىڭغىمۇ پۇتاق چىقارغان ،دوكتۇرنى تىللىغان ،ھاقارەت قىلغان . مانا بۈگۈنگە كەلگەندە ‹ئۇيغۇر يېزىقى چاندىمۇ› ‹ئىستىقبال سەھنىسىدە ئىستىقبال بارمۇ › دىگەندەك يازمىلار يېزىلىپتۇ .
ئەگەر بىز زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا ئوخشاش زىيالىلارنىڭ قەدرىنى قىلغان بولساق ئىدى .
شۇنداق يازمىلارنى جەميەتشۇناسلىق پەنلىرى بويچە سىستىمىلىق ئىزدەنگەن زۇلپىقار باراتقا ئوخشاش دوكتۇرلىرمىز يازغان بولسا بىز ئاۋاز قوشقان بولساق ئازراق تەسىر كۆرسەتكەن بولاتتى . بىراق ئەپسۇس...........
|
|